نېمىشقا ئەتىياز كەلسىلا ئاسان مۈگدەيمىز؟发表时间:2021-03-04 18:08来源:CNR
1. ئالقات ئالقاتنىڭ جىگەر ۋە بۆرەك قۇۋەتلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قان ۋە قۇۋۋەتنى تولۇقلاش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ھارغىنلىققا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئادەتتە قورۇما قورىغاندا، ئۇماچ ياكى شورپا قايناتقاندا نەچچە ئون تال ئالقات قوشۇۋەتسە غىزانىڭ تەمىنى ياخشىلاپلا قالماي، بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدۇ. ئالقاتنى قۇرۇق چايناپ بەرسە ئوزۇقلۇق ئىلمېنتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىراق ئالقاتنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولغاچقا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى، زۇكامداپ قىزىغانلار، ئىچ سۈرگەنلەر يېمەسلىكى كېرەك. ئالقاتنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئىسسىقى ئېشىش، زۇكام ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. 2. قانتېپەر (党参) قانتېپەر مەركىزىي نېرۋىنى جانلاندۇرۇپ، كەيپىياتنى ئۆستۈرۈپ، ھارغىنلىقنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇنى كەتىرا، تەسۋىقوناق، چىلان، گۈرۈچ قاتارلىقلار بىلەن قاينىتىپ ئۇماچ تەييارلاپ ئىچكەندە، مىجەزنى تەڭشەپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى تۈگىتىدۇ. ئەتىيازدىكى روھىي چارچاش، مۈگدەش قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ. لۇڭيەن ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە تەشۋىشلەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ. تەركىبىدە گىلۇكوزا، ئاقسىل، تۆمۈر قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە پايدىلىق، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ھارغىنلىقنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلايدۇ. كۆپ يېگەندە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئۇ بەدەن ساپاسى ئاجىز، ئاسانلا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدىغانلارنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ. بۆدۈنە تۇخۇمى قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەركىبىدىكى مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، دائىم يېگەندە نېرۋا ئاجىزلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېچىدىكى ئۇيقۇسىزلىق ۋە چۆچۈپ ئويغىنىش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئەتىيازدا تولا ئەسنەش چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەسنىگەندە ئۆپكە كېڭىيىپ، مېڭىدىكى بېسىم تۆۋەنلەپ، قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارى كۆپىيىدۇ-دە، بۇ ئورگانىزمنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەتىيازدا بىر سائەتتە بىر ئىككى قېتىم ئەسنەش نورمال، بىراق توختىمايلا ئەسنەش مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. |