ئەسكەرتىش:بۈگۈندىن باشلاپ مۇسابىقە ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ发表时间:2024-06-23 15:34来源:爱酷艺 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقە كۈنتەرتىپى توغرىسىدا ئالدىن چۈشەنچە ھۆرمەتلىك تورداشلار بۈگۈندىن باشلاپ ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى سالونى ، ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلىدا ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىلىرى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ. بىراق بۈگۈندىن باشلاپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولىشىنى ، مۇسابىقە كۆرۈش ۋاقتىنى ئورگان تەرەپ ئۆتكۈزگەن مۇسابىقە ئويناش ۋاقتىدا ئۇدۇللاشتۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۈچۈنچى ئايلانما بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە (بۇنىڭدىن كىيىنكى گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى ئىككى مەيدان مۇسابىقە تەڭ ئۆتكۈزىلىدۇ) مۇسابىقە ۋاقىتلىرى : (ھەر كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00) مەسىلەن بۈگۈن: 6-ئاينىڭ 24-كۈنى شىۋېتسارىيە vs گېرمانىيە ( بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00) شوتلاندىيە vs ۋېنگىرىيە ( بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00) «بۇ مۇسابىقە جەدىۋىلىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ » ئۈچىنچى قېتىملىق مۇسابىقە سەھەر سائەت ئۈچتە بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدىكەن ئەمەسمۇ! نېمە ئۈچۈن؟ » ئەمەلىيەتتە، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توپ مەستانىلىرىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مۇسابىقىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر. . مەيلى سىز يېرىم كېچىدە مۇسابىقە كۆرۈشنى ياكى يېرىم كېچىدە پۇتبول ئويۇنلىرىنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان توپ مەستانىسى بولۇڭ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۆزىڭىزگە تەۋە قالتىسلىقنى تاپالايسىز. |