新闻详情

ئامەتلىك قازاق يىگىت 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

 二维码 12
发表时间:2020-08-25 02:10作者:ئەلكۈيى تورى

قابا ناھىيەسى لاتارىيەچىلەر تەرىپىدىن ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئامەتلىك ناھىيە دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئەڭ بالدۇر قوش رەڭلىك توپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جاي، بۇ يەردىكى پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتى ھەمىشە قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، لاتارىيە سېتىۋېلىشقا كەلگەن لاتارىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، لاتارىيەچىلەر دو تىكىش ئاپپاراتى ۋە مۇكاپات ئېلان قىلىش ئېكرانى ئالدىغا يىغىلىۋېلىپ، بەس ـ بەستە نومۇرنىڭ يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىپ كاتتا مۇكاپاتلار ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى.

7 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قابا ناھىيەلىك خەلق يولىغا جايلاشقان 65430151 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا، قازاق يىگىت جۇمابېك مۇكاپات ئېلان قىلىش ئېكرانى ئالدىدا ئولتۇرۇپ يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆرۈۋاتاتتى، ئويلىمىغان يەردىن بېلەت سېتىش ئىشكاپىدىكى « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي » لاتارىەي بېلىتىنى كۆردى، ئۇ تۇيۇقسىز بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر دوستىنىڭ بۇ خىل بېلەت تۈرىنى يولغا قويۇۋاتقاندا قانچىلىك مۇكاپات چىقسا شۇنچىلىك مۇكاپات سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، ئۇ بۇ خىل بېلەت سېتىش خادىمىدىن :" پائالىيىتى ئاياغلاشتىمۇ؟ مېنىڭ بىر پارچە سېتىۋېلىپ تەلىيىمنى سىناپ باققۇم بار. بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىرەر مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىدىم، بىر قېتىم مۇكاپات چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن"-دېدى، مال ساتقۇچى خادىم: « بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى كۈن، دەرھال سېتىۋېلىڭ، ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭىز مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى. جۇمابېك تېز سۈرئەتتە بىرنى تاللىدى، قىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كۈلۈپ كەتتى، مال ساتقۇچى ئۇنىڭدىن ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى سورىدى، جۇمابېك خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «راسلا مۇكاپات چىقتى ، 10 مىڭ يۈەن چىقتى، يەنە 10 مىڭ يۈەن سوۋغا قىلىنسا، جەمئىي 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىمەن، بەك ياخشى بولدى. »-دېدى.

چۈشتىن كېيىن، جۇمابېك ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. ئۇ، مەن ئىزچىل لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتىمەن لىكىن مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن ئىدىم. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش مىنىڭ كۆپ يىللىق ئارزۇيىمنى ئەمەلگە ئاشۇردى. كېيىنكى مەزگىلدە مەن لاتارىيە ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، لاتارىيە سېتىۋېلىش ئارقىلىق خوشاللىقتىن بەھرىمان بولىمەن دېدى.

分享到: