新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ماڭا ئامەت ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن

 二维码 19747
发表时间:2020-08-25 12:29作者:ئەلكۈيى تورى

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە مەستانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر خىل قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيە ئۇيۇنلىرى ئۇلارنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن كېلىشكەن يىگىت ـــ شياۋيى دەل پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرگەنلىك سەۋەبلىك 100 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

شياۋيى خىزمەتچى بولۇپ، ئادەتتە بوش ۋاقتى بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىغا بېرىپ، سودا سارايلىرىغا تىزىپ قويىدىغان، بېلەت سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى نەچچە ئون يۈەنلىك«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نى كۆرىدۇ. 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى كەچتە شياۋيى دوستلىرى بىلەن بىللە تاماق يېدى، تاماق يەۋېتىپ ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ ئىچىدە دەل لاتارىيە بېلىتى سېتىش ئىشكاپى قويۇلغانلىقىنى كۆردى، شياۋيى گەپ قىلمايلا تېز قەدەملەر بىلەن كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئون پارچە « شياۋخۇاڭرېن» سېتىۋالدى ۋە دوستلىرى بىلەن بىللە قىرىشقا باشلىدى.

10 پارچىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچىسىنىڭ ئىچىدە پەقەت 5 يۈەنلىك كىچىك مۇكاپات بارلىقىنى بايقىدى. قائىل بولمىغان شياۋيى يەنە بەش پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى ۋە قىرىشقا باشلىدى ، بىرىنچى پارچسىنى قىرىپلا « يان تېلېفون» دېگەن بەلگە شياۋيىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇ خۇشال ھالدا لاتارىيە بېلىتىنى دوستلىرىغا كۆرسىتىپ، « شياۋخۇارېن» نىڭ بېلەت تۈرى ئويناش قائىدىسىگە ئاساسەن، « يان تېلېفون» بەلگىسى ئاستىدا مۇكاپات سوممىسى بار ئىدى ، شياۋيىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، شياۋ يى خۇشال ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى: « مەن ئالدى بىلەن بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلىگەن ئانامغا بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا ئېلىپ بېرىپ، ئانامنى ھەيران قالدۇرىمەن. شۇنچە يىللاردىن بېرى، ئانام مېنىڭ چوڭ- كىچىك ئىشلىرىمغا ئاز باش قاتۇرمىدى، ئانام بىر تىيىنمۇ ئارتۇق پۇل خەجلەشكە زادىلا كۆزى قىيمايتتى. مەن خىزمەت قىلغىلى ئاران نەچچە ئاي بولدى، ھېچقانچە پۇل يىغمىدىم، بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن ئامەت مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردى! پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ماڭا ئامەت ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت! »» دېدى.

20200825180502_75959.png

分享到: