新闻详情

لاتارىيەچىلەر بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

 二维码 14
发表时间:2020-08-21 02:33作者:ئەلكۈيى تورى

6-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2020048-قارار مۇكاپات ئېچىلدى. شۇ قاراردا 6 دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 8 مىليون 360 مىڭ يۈەن بولدى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 75 دو چىققان بۇلۇپ ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 336 مىڭ يۈەن بولدى. پىچان ناھىيەسى 65212205 پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى شۇ قاراردا بىر دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ قوش رەڭلىك توپ 10 + 1 قايتىلانما لاتارىيە بېلىتى ساتقۇچى خادىم   لاتارىيەچىلەر كوللېكتىپ تەشكىلللە بىرلىشىپ سېتىۋالغان. 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان لىن خانىم باشقا ئىككى نەپەر لاتارىيەچى بىلەن بىرلىكتە تۇرپان شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات نەقلەشتۈردى.

قىزىقىشى بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان كىشلەر بىرلىشىپ لاتارىيە ئويناش

لىن خانىمنىڭ يېشى كىچىك دەپ قالماڭ، لاتارىيە تىلغا ئېلىنسا ئۇ ناھايىتى "كەسپىى"، ئۇ لاتارىيە سېتىۋېلىشنى كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. لىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ لاتارىيە بېلىتىنى ئۇ باشقا لاتارىيەچىلەر بىلەن بىرلىشىپ سېتىۋالغان. « مەن ئىلگىرى ئۆزۈم سېتىۋالاتتىم، بىر كۈنى باشقا بىر نەچچە لاتارىيەچى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭمۇ لاتارىيە سېتىۋېلىشقا ئامراق ئادىتىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يەنە كۆپ پاراڭلاشتۇق، شۇنىڭ بىلەن تېزلا يېقىن دوستلاردىن بۇلۇپ قالدۇق، ۋە بىر قانچە كىشى شېرىكلىشىپ ئۇزاق مۇددەت بىرلىشىپ سېتىۋېلىشنى قارار قىلدۇق! » ــ دېدى لىن خانىم قولىدىكى لاتارىيەگە قاراپ.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تەلەي نومۇرى بولىدۇ، لىن خانىممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئۇلار بۇ قېتىم بىرلىشىپ سېتىۋالغاندا، بىر گۇرۇپپا« نۇمۇر» ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئۈمىد ئېلىپ كېلىشنى ئويلىدى، بۇ گۇرۇپپا نومۇر ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇلارغا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئەمەلىي مۇكاپات ئېلىپ كەلدى. نومۇر تاللاش جەريانى ئۈستىدە توختالغاندا، لىن خانىم مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى ، ئەسلى ئۇلار   نومۇرنى تەتتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئىشى يوق بىكار ۋاقىتلاردا دائىم بىر يەرگە يىغىلىپ نومۇر ئۈستىدە ئويلىنىدىكەن، سېتىۋېلىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئورتاق قارار چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «نۇمۇر» نى ئېلان قىلىدىكەن. « سىلەر ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن، مەن بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرگە لاتارىيە سېىتىۋالغان دوستۇم تېخى ماڭا ئالدىنقى كۈنى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمنى چۈشەپ قاپتىمەن دېدى. بىز شۇ چاغدا ئامەت كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلغان ئىدۇق. كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا دەرھال پاراۋنلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىم. »-دېدى لىن خانىم ئەينى چاغدىكى لاتارىيە سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى ئەسلەپ، يەنىلا ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: « مەن تۈنۈگۈن ئاخشام ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم! مۇكاپات چىققان نومۇرلارنى كۆرۈپ، نەچچە قېتىم توغرا سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ راستتىنلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى جەزملەشتۈردۈم، ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ سېزىمىم راستقا ئايلاندى، بۇ ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ! » ، لىن خانىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال دوستى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەتىسى تۇرپان شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. لىن خانىم مۇنداق دېدى: « بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق نورمال كەيپىيات بىلەن لاتارىيە سېتىۋالىمەن، باشقا لاتارىيەچى دوستلارنىڭ تەلەيلىك ھالدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ».

20200824153614_59526.png

分享到: