新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 1 مىليون 20 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

 二维码 18768
发表时间:2020-08-24 02:36作者:ئەلكۈيى تورى

ئامەتلىك لاتارىيەچى « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي»لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ئالدى بىلەن 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى ئاندىن يەنە 50 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى ! نەتىجىدە ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون 20 مىڭ يۈەن بولدى! ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بۇ« تەلەيلىك» لاتارىيەچى شىخەنزىدىكى   جاڭ ئەپەندىم بۇلۇپ، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەيلىك لاتارىيەچى ھەقىقەتەن بىر رىۋايەت دېيشكە بۇلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، جاڭ ئەپەندى 5-ئىيۇل شىخەنزە شەھىرىنىڭ بېيچۈەن بازىرىدىكى دېڭىز يولى 1752-نومۇرلۇق مەرۋايىت گۈللۈكى شىمالىي ئىشىكىدىكى 65030077 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىدا« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» 4-دەرىجىلىك 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ 6 ـ ئىيۇل چۈشتە ئەسلىدە شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» 4 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرمەكچى بولدى ، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە يېتىپ كەلگەندە چۈشلۈك ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىخەنزە شەرقىي 1-يولى 22-ئولتۇراق رايونى 99-كورپۇس 47-14-نومۇرغا جايلاشقان 65030056 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىدا   ئولتۇرۇپ چۈشتىن كىيىنكى ئىشقا چۈشۈشنى ساقلىماقچى بولدى، شۇنداقلا يەنە بىر« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى، ۋە بىردەمدىلا « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» 2-دەرىجىلىك مۇكاپات 500 مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى.

ھازىر دەل جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى مەملىكەت بويىچە« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بۇلۇپ، پائالىيەت قائىدىسىگە ئاساسەن، جاڭ ئەپەندى 4-دەرىجىلىك مۇكاپات 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا 10 مىڭ يۈەن قۇشۇلىدۇ، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات 500 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا 500 مىڭ يۈەن قۇشۇلۇپ، جاڭ ئەپەندىم جەمئىي 1 مىليون 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالدى.

تەلەيلىك جاڭ ئەپەندى« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتىكى« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» مۇكاپات قۇشۇش قائىدىسىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ، ئۇ ئۆزنىڭ جەمئىي 1 مىليون 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى قارار قىلىدى، ئاندىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئاپتوموبىلنى سېتىۋالماقچى بولدى. مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرگەندە، جاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش كۈڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ« ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، يەنى دەرھال مۇكاپات ئاچىقىلىلى بۇلۇش» ئالاھىدىلىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىملىق پائالىيەتلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ تەلەي سىناپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ قېتمقى مۇكاپات ھەققىدە ئۇ مىليون يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىغا ناھايتى ھەيران بولغانلىقىنى ۋە ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈدى.


分享到: