新闻详情

بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئايروپىلان لىنيەسى كۆپەيتىلىدۇ

 二维码 5322
发表时间:2020-09-01 19:13作者:ئەلكۈيى تورى

u=3061865976,916926760&fm=26&gp=0.jpg

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى:يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارقا -ئارقىدىن شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىغا بېرىپ -كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى تىرانسپورت باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 8 -ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئىچىدىكى توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە بېرىپ-كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى قاتناشقا ئىجرا قىلىدىكەن. تيەنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلان يۆتكەپ ئۈرۈمچىگە قايتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، 9 -ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن چۆچەك، بورتالا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ـ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئىجرا قىلدى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى تۈرلۈك كاپالەت تەييارلىقلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلار ئېقىمى كۆپەيگەندىن كېيىنكى خادىم، ئۈسكۈنە، مەيدان قاتارلىق بايلىقلارنى تەقسىملەش خىزمىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە بېرىپ ـ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تولۇق تەييارلىق قىلدى، باشقا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمۇ شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئارقا -ئارقىدىن كۆپەيتىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا كىرگەندە تېمپېراتۇرىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا دائىملىق مۇھىت نازارەت قىلىش ـ ئۆلچەش قانات يايدۇرۇلىدۇ، يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇش ئارىلىقىدا بىخەتەر ئارىلىق ساقلايدۇ ھەم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى يوقىتىش قاتارلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەيدۇ.

2020_0831_a26262a7j00qfwkdw0016c000fk00atc.jpg

بۇنىڭدىن باشقا، 8 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارقا ـ ئارقىدىن بېيجىڭ، چىڭداۋ، كۆكخوت، لەنجۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم كۆپەيتتى.

سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى بار ئاھالىلەر ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ سېتىش تور بېكەتلىرىنىڭ بېلەت سېتىش ئۇچۇرلىرىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئايرودۇرۇم، ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا پائال ماسلىشىپ، ئالاقىدار يۇقۇم مۇداپىئە كاپالەت تەرتىپىنى تېز تاماملاپ، ئايرودۇرۇمدا توختاش ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، بىخەتەر، راۋان، قولايلىق سەپەرگە چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.



分享到: