新闻详情

قايسى مۇسابىقە كرىستىيانو رونالدونى ئېسىڭىزدە ساقلىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان؟

 二维码 23
发表时间:2020-09-01 19:35

2020083123143080519.jpg

پۇتبول تىلغا ئېلىنسا كرىستىيانو رونالدو تەبىئىيلا خىيالىڭىزدىن كېچىدۇ. كوماندا ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغاندا شەرتسىز رونالدوغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭ يېشىل چىملىقتىكى مەۋجۇدلۇقى ھەر قانداق كوماندىنىڭ كاپالىتى. نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ كرىستىيانو رونالدونىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا كوماندىنى قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

تۆۋەندىكى قايسى مۇسابىقىلەر سىزنىڭ كرىستىيانو رونالدونى تېخىمۇ چوڭقۇر ئېسىڭىزدە ساقلىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان؟

2020083123143029875.jpg

1. 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى ئۇچرىشىشى: پورتۇگالىيە 3-2 شىۋېتسىيە

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كرىستيانو رونالدو ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ، پورتۇگالىيە كوماندىسى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا قالپاق ئويۇنى ئويناپ، بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بېلىتىنى ئالغان.

/uploadfile/2020/0831/2020083123142982483.jpg

2. 15-16 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى ئۇچرىشىشى: خانلىق مادرىد 3-0 بۆرە قەلئەسى

خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا بۆرە قەلئەسىگە 2-0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ، شاللىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، كرىستىيانو رونالدو بېرنابۇدا قالپاق ئويۇنى ئويناپ، كوماندىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاخىرىدا كوماندىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىگە كۈچ قوشقان.

2020083123143027204.jpg

3. 2018-يىللىق روسىيە دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: پورتۇگالىيە 3-3 ئىسپانىيە

شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، ئەنئەنىۋىي كۈچلۈك كوماندا ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن پورتۇگالىيە ئارقا-ئارقىدىن توپ كەتكۈزگەن بولسىمۇ، كرىستىيانو رونالدونىڭ ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشى بىلەن، گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدىكى قىممەتلىك بىر نومۇرنى قولغا كەلتۈردى. شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن كرىستىيانو رونالدو دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ قالپاق ئويۇنى ئوينىغان ماھىر بولۇپ قالدى.

2020083123150234428.jpg

4. 18-19 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسى: يۇۋىنتۇس 3-0 مادرىد ئاتلېتكا

ئوخشىمىغان مەيدان، ئوخشىمىغان سەبداش؛ ئوخشاش ئىپادە، ئوخشاش كوماندا. بەلكىم مادرىد ئاتلېتكىنىڭ قارا چۈشى پەقەت كرىستىيانو رونالدو بولۇشى مۇمكىن. مادرىد ئاتلېتكا بىلەن بولغان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەر قانداق باسقۇچىدا كرىستىيانو رونالدو %100 غەلبە قىلغۇچى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى قالپاق ئويۇنى، كرىستىيانو رونالدونىڭ يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قالپاق ئويۇنى، ئۇ مۇشۇ قالپاق ئويۇنى ئارقىلىق، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن ۋە كۆرەڭلىگەن مەستانىلەرنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىغان.

2020083123150263584.jpg

كرىستىيانو رونالدو ھالقىلىق ۋاقىتلاردا قالپاق ئويۇنى ئويناپ كوماندىسىنى قۇتقازماقتا. بەلكىم ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر «پۇتبول شاھى» بولۇشى مۇمكىن، لېكىن سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى «پۇتبول شاھى» كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز چوقۇم ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان كوماندىسىنى قۇتقۇزالايدىغان كرىستىيانو رونالدو بولۇشى كېرەك.


分享到: