新闻详情

قەھرىمان نەدە يېنىمىزدا، جۇڭخۇا روھى ئاقىدۇ قېنىمىزدا

 二维码 483
发表时间:2020-09-02 13:26

WechatIMG40.jpeg

ئاھالە كومىتېت كادىرلىرىنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق بارلىق ئاھالىلەرنى ئۇز ئۆيلەردە سىرتقا چىقماي بۇيرۇق كۈتۈپ ئولتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ھەمدە بىزنىڭ ئادەم كۈچىمىز يېتىشمەيدۇ. ئاھالە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پىدائىي بولۇشنى خالايدىغانلا تىزىمغا ئالدۇرۇپ خىزمەتلىرىمىزگە ياردەملەشكەن بولساڭلار، دېگەن ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپلا ھېچ بىر ئىككىلەنمەستىن مەن پىدائىي بولۇمەن دەپلا تىزىمغا ئالدۇردى. بۇ دەل ئەدلىيە سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مىنىڭ ئوغلۇم قۇدرەت ئىلھام ئىدى. شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ بۇ ئوت يۈرەك ياش ئاھالە كومىتېت كادىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىپ ئاھالىلەرگە مۇلازىمەتنى باشلىۋەتتى. قانداق قىلغاندا كۆپچىلىكنىڭ تەلىپىنى ئەڭ ياخشى ئەڭ تىز سۈرئەت بىلەن ئورۇنلاپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلالايمەن، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا مەسىلە چىقمىسا ئائىلىسىدە خاتىرجەم تۇرالايدۇ دېگەندەك بۇ خىياللار ئوغلۇمنىڭ كۈندىلىك پاراڭلىرى ئىدى.

WechatIMG36.jpeg

بۇ ئوت يۈرەك يىگىت ھەممە كىشىلەر مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇم ئۆتكىلىدىن تىنچ ئامان ئۇتۇپ كەتسەك ياخشى بۇلاتتى دېگەننى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئالدى بىلەن ئىشلارنى تەرتىپلىك پىلانلاپ، جان-دىل بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئەۋەتكەن تىزىملىك تەرتىپلىرى بويىچە گۆش، سەي كۆكتات يېمەك ئىچمەك بارلىق لازىمەتلىكلەرنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىدى. ئەتىگەن سائەت 7 دە ئورنىدىن تۇرۇپ ئازراق ناشتىلىق يەپلا ئىشقا كىرىشىپ كەتسە چۈشلۈك تامىقىنى4 ئەتراپىدا يۈرەلەيتتى كەچتە 10 دىن كىيىن ئىشتىن چۈشەتتى. بەزىدە ئاھالىلەرنىڭ تېلېفون بېرىپ ئەكەلىگەن گۆش بەكلا سىمىزكەن ئالماشتۇرۇپ ئەكىرىپ بىرىڭ ياخشى سەي ئەكىرمەپسىز، دېگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بەزىدە كەچ سائەت 11 لەرە ئىشتىن چۈشۈپ تامىقىنى يەي دەپ تۇرسا ئۆيدە توك قالمىدى، ياكى سۇ يوق ئامال قىلىپ بىرىڭ ياكى دەرھال بالامغا زاكا ئەكىرىپ بەرسىڭىز، ياكى دورا ئەكىپ بەرسىڭىز دېگەندەك بېجىرىش قولايسىز بولغان تىلغۇن ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتتى، ئۆزىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردىلا قۇيۇپ ياكى ئۇخلاشقا ياتقان كارىۋىتىدىن دەس تۇرۇپ مۇمكىن بولغانكى ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا يۈرۈشلەشتۈرۈپ بېرەتتى. بۇ پىدائىي ياشنىڭ ئۆيىگە قايتقان كۈرنىشى پۈتۈن كىيىملىرى چىلىق-چىلىق سۇ بولۇپ كەتكەن ھارغىن چىرايىنى بىر كۈنلۈك ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ ئەمدى ئۆيگە كىرىپ تامىقىنى يەپ تۇرسا ياكى كىيىم ئالماشتۇرۇپ يۇيىنۇپ ئۇخلاي دېگەندىمۇ ئاھالىلەردىن تېلېفون كەلسىلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھاجەتلىردىن چىقىدۇ، ياكى بولمىسا قارشى تەرەپكە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن كەچۈرۈڭ بۈگۈن كەچ بۇپ كەتتى، باشقىلارمۇ ئۇخلاپ بولدى ئەتە ئەتىگەنلا مۇشۇ ئىشىڭىزنى پۇتتۇرۋېتەي دەپ جاۋاب بىرىدۇ. بۇ مېھرى مۇھەببەتلىك جاۋاب شۇنچىلىك يېقىملىق ئىدى ئالاھىدە بولغىنى بىر كۈنى ھەممە كىشىلەر تامىقىنى يەپ بولۇپ چۈشلۈك ئارامىنى ئېلۋاتسا كېرەك، قۇدرەت ئىلھام يېرىم كۈنلۈك ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ، پۈتۈن بەدىنى چىلىق سۇ بۇپ كەتكەن ھالەتتە مۇداپىئە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ تامىقىنى يېيىشكە باشلىغان ئىدى، تېلېفون قىلىپ ئىنتايىن قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ يوللانمىنى دەرھال ئەكىرىپ بىرىڭ بولمىغاندا يۇقىرىغا ئەرزى قىلىمەن سىلەر پىدائىيلىقنى قانداق قىلۋاتىسىلەر دەپ بۇ يىگىتنىڭ يوللانما سالغۇچى تەرەپتىن تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلىپ باققان بولسىڭىز مەن سىز دېگەن ئورۇنغا بىر نەچچە قېتىم بېرىپ كەلدىم ئۇ يوللانما كەلمەپتۇ دىگىنگە قۇلاق سالماستىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى. قۇدرەت بۇ ئائىلىدە كىچىك بالا باركەن بالىلا زاكىسىنى توردىن سالدۇرۇپتىكەن قىينىلىپ قالغان ئوخشايدۇ بىرنەچچە قېتىم باردىم كەلمەپتۇ، يەنە بېرىپ باقاي دەپ تامىقىنىمۇ يېمەي سىرتقا ماڭدى، بارسا يەنە كەلمەپتۇ، بۇ پىدائىيدا نېمە گۇناھ، ئۇلار يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەرگە ئەرزى قىلغان ئىكەن دەرھال سۈرۈشتە قىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئادرېسىنى خاتا يوللاپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئاھالىلەر ئاھالە كوممۇتىت كادىرلارنىڭ ۋە پىدائىيلارنىڭ نېمە ئىش قىلۋاتقانلىغىنى، قانداق ۋاقىتتا ئۇخلايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز شۇ ئىسسىق كۈنلەردە باشتىن ئاستىغىچە شامال ئۇتۇشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىملىرىنى كىيىپ، پەللەم پەي بىلەن كۈندە نەچچە كېتىم 6-قەۋەتكىچە ئېغىر خالتىلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ چۈشۈش ئۈنچىلىك ئاسان ئەمەسقۇ. مەن بۇ يەردە ئېغىزغا ئېلىنغان پىدائىي يىگىت قۇدرەت ئىلھامنىڭ ئانىسى بولىمەن، ئەسلىدە مەن خوتەن نىيە ناھىيەسىدىن ئوغلۇمنى كۆرۈش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدىم، چۈنكى ئوغلۇم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىگىمۇ ئۆز ۋاقتىدا قايتالمايتتى، ئوماق ئوغلىمۇ ھە دېسىلا دادامنى كۆرگۈم كەپ كەتتى دادام قېشىغا بارىمەن دەپ جېدەل قىلاتتى مىنىڭ بېرىشىم بىلەنلا ئوغلۇمنىڭمۇ دەم ئېلىش نۆۋىتىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدى، شەھەر بويىچە ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئۇقتۇرۇشنى كۈتۈش دېگەن سۆز ماڭا بەكمۇ ياققان ئىدى، ئاڭلاپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك خۇشال خاتىرجەم قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى چۈنكى مەن بۇ پۇرسەتتە بالىلىرىم بىلەن كىچە كۈندۈز بىللە بولالايتتىم. مەن ئوغلۇم پىدائىي بولىمەن دېگەندە دەرھال ئوغلۇڭغا قاردىم   ،يۇقۇم مەزگىلدە ھەرقانداق بىر ئانا ئۇز ئوغلىنىڭ تاسادىپىي يۇقۇملىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرمەي قامايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىۋارلىق ئوغلىنىمۇ كۆرمىگىلى بىر يېرىم ئاي بولغان ئىدى   ،يۇقۇم تۈگىسىلا ئىدارىسىگە دەرھال قايتمىسا بولمايتتى، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى مىنىڭ كۈزىگە قارشىمدىن ئوغلۇم چۇشەنچە بېرىپ ئانا مەن بىر پارتىيە ئەزاسى ھەم خەلق ساقچىسى بۇ پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقمىسام ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيمەن، مەن ۋەزىپەمنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىلەن تۇگىتىپ سىلەرگە ھەمراھ بۆلۈمەن دېگەن جاۋابى مېنى بېسىقتۇرۇپ قويغان ئىدى، كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم شۇ ئىسسىقتا ئوغلۇمنىڭ شۇنچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى چىڭلىق چىلىق سۇ بولۇپ قۇرسىغى ئېچىپ ئۇتۇپ كەتكەن ھارغىن ھالەتتە، قايتىپ كىرىپ، تاماق يېيىشكىمۇ ھالى يوق ھالەتتە سافاگە يۆلىنىپلا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كىرۇپ ئىچىم سېرىلدى. ئوغلۇمنىڭ قارارنى ئۆزگەرتىپ مۇمكىن ئەمەس ئىدى ھەم ئۆزگەرتىشكە ئاساسىممۇ يوق’ مەن ئوغلۇمنىڭ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىن ئۇرۇندا قۇيالايدىغان، باشقىلار ئۇچۇن جاپا چېكىشكە رازى بولالايدىغان باشقىلارغا ئېغىر بېسىق مېھرى مۇھەببەتلىك سەمىمىي مۇئامىلە قىلالايدىغان ئېسىل پەزىلىتى مېنى خىجىل قىلىپ قويدى. ھەممىنى چۈشەندىم، ئوغلۇمغا بولغان ھۆرمىتىم ئىشەنچىم ئاشتى ئوغلۇمدىن سۈيۈندۈم، پەخىرلەندىم مەن بىر ئانا ۋە ياكى بىر جوڭگو پۇقراسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن، پۈتۈن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايوندىكى خەلق ئاممىسىغا شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ ئوتكۇر تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىدىن ئىبارەت بۇ يۇقۇملۇق كېسەل پۈتۈن دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىۋاتىدۇ، بىز تىلۋىزۇر ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە داۋالىنىش ئىمكانىيتى بارلا داۋالىنىپ ئوز ھاياتىنى ساقلاۋاتىدۇ، پۇلى يوقلا جېنىدىن ئايرىلدى. بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئۇز پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قېلىش ئۇچۇن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالدى، سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئالىملار كىچە-كۈندۈز ئىزدىنىۋاتىدۇ، دوختۇر سېسترالىرىمىز ئوز ھاياتنى قۇلغا ئېلىپ تۇرۇپ يۇقۇملانغانلارنى داۋالاۋاتىدۇ، جەڭگىۋار ساقچى ئوپپۇسىرلىرمىز ئامانلىقىمىزنى قوغداپ بىزنى خاتىرجەم قىلىۋاتىدۇ، ئاھالە كومىتېت كادىرلىرىمىز ۋە خالىسانە پىدائىي ئەزىمەتلىرىمىز ھاردىم-تالدىم دېمەي ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي يوقنى بار قىلىپ، يىراقنى يېقىنلاشتۇرۇپ بىرىۋاتىدۇ، بىزلەر ئۆيىمىزدە بىمالال ئۇخلاپ ئارام ئېلىپ تامىقىمىزنى ئوز ۋاقتىدا ئېتىپ قىززىغىدا يەپ تۇرۇپمۇ يەنە نېمىگە قاقشايمىز، .قانداق قىلىپ بەرسە ئاندىن خۇش بولىمىز، ئەممە ئىشلار بىزنىڭ جېنىمىزنى ساقلاش ئۇچۇن ئەمەسمۇ، بىز ئۇنچىلىك بىلىمسىز بولمايلى. بىز شۇنداق مەسئۇلىيەتچان دۆلەت پۇقراسى بولغىنىمىزدىن ئەڭ بەخىتلىككەنمىز. دۆلىتىمىزگە چىن يۈرۈكۈمىزدىن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن ئىزدىنىۋاتقان پەن تېخنىكا ئالىملىرغا، بىزنىڭ ئامانلىقىمىزنى قوغداپ خاتىرجەم قىلغان ساقچى ئوپىسورلىرىمىزغا ، ،ئالدىنقى سەپتە ئۇز ھاياتنى قولغا ئېلىپ تۇرۇپ يۇقۇملانغان قېرىنداشلىرىمىزنى داۋالاپ قۇتقۇزغان پەرىشتە سۈپەت دوختۇر سېستىرالىمىزغا، كىچە كۈندۈز ئاھالىلەرنىڭ غېمىنى يەپ بىز ئۇچۇن ئۇن-تىنسىز مۇلازىمەت قىلىپ جاپا چېكىۋاتقان ئاھالە كومىتېت كادىرلىرىمىزغا، پىدائىي قالتىسلىرىمىزغا چىن يۈرۈكۈمىزدىن رەھمەت ئېيتايلى رەھمەت سىلەرگە .

WechatIMG35.jpegWechatIMG38.jpegWechatIMG37.jpegWechatIMG40.jpegWechatIMG39.jpegWechatIMG34.jpegWechatIMG33.jpeg


分享到: