新闻详情

شىنجاڭدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ 6-چىسلا ، ئالىي مەكتەپلەر10-چىسلا ئوقۇش باشلايدۇ

 二维码 5317
发表时间:2020-09-03 13:41作者:ئەلكۈيى تورى

شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 6-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپلەر 10-سېنتەبىردىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ دەرس باشلايدۇ

u=3459594041,904864044&fm=11&gp=0-2.jpg

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى 3- سېنتەبىر ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن ، ئالدى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالدى بىلەن يۇقىرى يىللىقتىن كېيىن، ئاندىن تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپ، ئاندىن ئوقۇش باشلاش تەرتىپى بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ، دەرس باشلايدۇ؛

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، مۇددەت، تۈركۈمگە بۆلۈپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ، مەكتەپ سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نورمال ئوقۇش-ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى مەكتەپلەر ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ« ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۈز ۋە قىش پەسىللىك يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى (تېخىمۇ يېڭى نۇسخىسى) » ۋە« ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈز ۋە قىش پەسىللىك يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى (تېخىمۇ يېڭى نۇسخىسى) » بويىچە تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، لايىھەنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنىڭ، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


分享到: