新闻详情

ئەڭ ئاخىرقى ئاۋدى Q5 ئاپتوموبىلىنى كىم ئېلىپ كېتىدۇ؟

 二维码 46
发表时间:2020-09-07 17:44作者:ئەلكۈيى تورى

ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى 2020 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ،ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە «گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» ناملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى بازارغا سالدى ھەمدە «چاشقان يىلى قۇت يىلى Q5يول باشلاش» باش تېمىسىدىكى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، بۇ پائالىيەت 100 مىليون يۈەنلىك «گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن»ناملىق قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيەسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا سېتىلىشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىلىدۇ، پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى« چاشقانيىلى قۇت يىلى Q5 يول باشلاش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتە لاتارىيەچىلەرگە تارقىتىلىدىغان مۇكاپات بولسا ئاۋدى Q5L40 TFSIئاپتوموبىلدىن توپتوغرا 25 دانە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر يەنى 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە 24 دانە تەلەيلىك لاتارىيەچى ئاپتوموبىلنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى ، يەنە بىرى ئاپتوموبىلدا تېخى مۇكاپات چىقمىدى.

1.png

كىم ئەڭ ئاخىرقى ئاۋدى Q5L ماشىنىسىنى قىرىپ چىقىرالايدۇ؟ تەجرىبىلىك لاتارىيەچى دەرھال پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىغا بېرىپ « گېڭزى چاشقىنىنىڭ 20 يۈەن» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن كاتتا مۇكاپاتلار كۆپىنچە ۋاقىتتا تەلەي كەلگەنلىك سەۋەبلىك چىققانلىقىنى بىلىدۇ.

نۆۋەتتە، پاراۋانلىقلاتارىيە سېتىش پونكىتىدا« گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» لاتارىيە بېلىتى ئانچە كۆپ قالمىدى، ئەڭ ئاخىرقى ئاۋدى Q5L ئاپتوموبىلى زادى كىمنىڭ قۇلىغا چۈشىدۇ؟ئۇنداق بولسا بەخت قۇشى كىمنىڭ بېشىغا قۇنۇشىنى كۈرۈپ باقايلى، بەلكىم بۇ كاتتا مۇكاپات تۇيۇقسىز سىزنىڭ قولىڭىزغا چۈشىشى مۇمكىن!

بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، « گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن » لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندا چوقۇم ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇش كېرەك، مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن تەقدىردىمۇ لاتارىيە بېلىتىنى تاشلىۋېتىشكە ئالدىرىماسلىق كېرەك، لاتارىيە بېلىتىنى يەنە بىرقېتىم سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ، لاتارىيە بېلەت يۈزىدە« ئالاھىدە مۇكاپات بەلگىسى» بارمۇيوق ياخشى قاراڭ، چۈنكى پائالىيەتتىكى« ئاپتوموبىل» بەلگىسى« ئالاھىدە مۇكاپاتبەلگىسى» گە تەۋە بولۇپ، پەقەت مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن لاتارىيە بېلىتىدا كۆرۈلىدۇ.

2.png


分享到: