新闻详情

« تاسادىپىي قوش رەڭلىك توپقا يولۇقۇش» تاسادىپىي« مۆجىزە» لەرنى يارىتىدۇ

 二维码 114
发表时间:2020-09-07 18:53作者:ئەلكۈيى تورى

« تاسادىپىي قوش رەڭلىك توپقا يولۇقۇش» تاسادىپىي« مۆجىزە» لەرنى يارىتىدۇ

نېمە؟ كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى لاتارىيە بېلىتى؟ ھەقسىز؟

شۇنداق قىلىپ ئۇ 12 مىليون   793 مىڭ 524 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

لاتارىيەدە مۇكاپات چىققاننىڭ ئۆزى تەلەيگە قارايدىغان ئىش، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چېقىشنى بەخت قۇشى قۇنۇپتۇ دەپ ئېيتساق تامامەن بۇلىدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەر لاتارىيە سېتىۋېلىش قائىدىسىنى ھەقىقەتەن زادىلا بىلمەيتتى، تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا ھەتتا نومۇرنىمۇ تاللىيالمايتتى، يۆنىلىش خەرىتىسى ۋە ئويناش ئۇسۇلىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى، نەتىجىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى! تېخىمۇ ھەيران قالالارلىق يېرى شۇكى بۇ لاتارىيە بېلىتىگە بىر پۇڭمۇ خەجلىمىدى، ئەلۋەتتە ئوتتۇرىدا يەنە خەتەرلىك« بېلەت يۈتۈرۇپ قۇيۇش» ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇنداق ئامەت ۋە خۇشاللىق نۇرغۇن كىچىك دوستلارنى ھەسەت قىلدۇرىدۇ! بۇ خىل ئەۋلىيادەك تەلەي يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ليۇ خانىمنىڭ بېشىغا قوندى.

« 16 + 6» بىر قېتىم باش مۇكاپات ۋە 15 قېتىم 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

7-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2020062-قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، قىزىل توپ نومۇرى 10، 14، 17، 22، 26، 27، كۆك توپ نومۇرى 05 بولدى. شۇ قاراردا مەملىكەت بويىچە 5 دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 8 مىليون 900 مىڭ يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 1 دو مۇكاپات ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لومەنچېڭ كوچىسى 11-نومۇردىكى 65010689 پاراۋانلىق لاتارىيىسى سېتىش پونتىكىدا پونكىتىدا بارلىققا كەلگەن.

تەلەيلىك ليۇ خانىم بولسا دول بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بولۇپ، ئۇ بىر دانە« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى « 16 + 6» قايتىلانما لاتارىيە بېلىتى بىلەن بىر دو 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە 15 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 12 مىليون   793 مىڭ 524 يۈەن بولدى.

چۆچۈتۈپ ئېڭىكىڭىز چۈشۈپ كەتمىسۇن! « ھەقسىز لاتارىيە بېلىتى» بىلەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش

«ـــ قىلچە تەييارلىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىردىنلا مىليونلىغان بايغا ئايلىنىپ قالدى، بۇنداق ئىشلارنى پەقەت تېلېۋىزىيە تىياتىردىلا كۆرەلەيتۇق ، ئەمىلىيەتتە بۇنداش ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىكەن! » 7 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ليۇ خانىم يولدىشى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە بۇ 12 مىليون 790 مىڭ يۈەنلىك بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ھەقىقەتەن تاسادىپىي ئېرىشكەنلىكىنى ، بۇ كاتتا مۇكاپاتقا چىققان لاتارىيە بېلىتىنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان بولماستىن بەلكى "ھەقسىز لاتارىيە بېلىتى" ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ قانداق ئىش ؟

ئەسلىدە، 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى كەچتە ليۇ خانىم بىر نەچچە ئاچا ـ سىڭىل بىلەن بۇرۇنقىدەكلا ئولتۇراق رايون ئەتراپىدا پىيادە سەيلە قىلغان بولۇپ، 65010689 پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، بىر ھەمراھى لاتارىيە بېلىتى ئالماشتۇرغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە « ھازىر پاراۋانلىق لاتارىيە لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلىش پائالىيتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، يان تېلېفوندا سىكاننېرلاپلا 32 يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ لاتارىيە بېلىتىغا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ، ھەقسىز بۇلۇپلا قالماي يەنە 100% مۇكاپات چىقىدۇ، ئەڭ ئاز بولغاندا 5 يۈەن مۇكاپات چىقىشى مۇمكىن »-دېدى .ليۇ خانىم ھەمراھلىرىنىڭ ھەقىقەتەن بىر تىيىنمۇ خەجلىمەي لاتارىيە بېلىتى ئېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ گاڭگىراپ قالدى ۋە ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ بىر تال لاتارىيە بېلىتى ئالدى.

شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە، ليۇ خانىمنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى ۋە :« تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىم ئىدى ، نۇمۇر تاللاشنىمۇ بىلمەيتتىم ، شۇڭا قالايمىقانلا تاللىدىم»-دېدى.

كاتتا مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتى يۈتۈپ كېتىپ كونا لاتارىيەچىگە ئۇچراپ قايتۇرۇپ كىلىندى

ليۇ خانىمنىڭ يولدىشى ياڭ ئەپەندى« ـــ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، مەن ئويناۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولدى، ئايالىم ھەقسىزلا 10 مىليوندىن كۆپرەك پۇلغا ئېرىشتى. »-دېدى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش جەريانىدا.

ليۇ خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گەرچە مەن لاتارىيەچى بولمىساممۇ، لېكىن يولدىشىم سادىق لاتارىيەچى، بۇ مۇكاپاتنىمۇ يولىدىشىم "تېپىپ" كەلدى. لاتارىيەنى ئۆيگە ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن قىلماي ئۈستەلگە قويۇپ قويدۇم، ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئۆينى يىغىشتۇرغاندا ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتىم، لىكىن يولدىشىم ئۇ لاتارىيە بېلىتىنى يەنە تېرىپ چىقتى ، ئۇ مۇكاپات نۇمۇرى ئېچىلمىغان لاتارىيە بېلىتىنى يەنىلا مۇكاپات نۇمۇرنى سېلىشتۈرۈپ بېقىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. » دېدى.

«يولدىشىم تېلېۋىزوردا شۇ قارارلىق مۇكاپاتنى نۇمۇر ئېچىلغانلىقىنى كۈرۈپ كاتتا مۇكاپاتقا چىققانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن زادى قانچىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلمىگەچكە مەن تېخى ئۇنى مېنى ئالداۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ۋە ئۇنىڭغا لېكىن پەرۋا قىلمىدىم. ئويلىمىغان يەردىن يولدىشىم تىت-تىت بولۇپ، مېنى ئېلىپ پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتتا ئادەم يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۈرغىلى باردى. » دېدى.

ليۇ خانىم گەرچە پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىغا بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن بىراقلا 10 مىليوندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ـــ بۇ قېتىم راست ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنسىز؟ ــ دەپ سورىدى خىزمەتچى خادىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

ـــ ھا، ھا، ھا! راست! راست! بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم لاتارىيە سېتىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم ، بۇنچە كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەن پۇل خەجلىمىدىم! ليۇ خانىم ئۆزىنىڭ ۋە يولدىشىنىڭ پېنسىيەگە چىققانلىقىنى، مۇكاپات پۇلىنى ياخشى پىلانلاپ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن يولدىشى بىلەن بىللە بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى سۈپىتىدە داۋاملىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2020-يىلى تاسادىپىي « قوش رەڭلىك توپ» قا يولۇقۇش ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەخسۇس پاراۋانلىقى

ئەگەر سىزمۇ ليۇ خانىمدەك تەلەيلىك بولۇشنى ئويلىسىڭىز، يان تېلېفونىڭىزنى ئېلىپ ئۈندىدار ئارقىلىق كودنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ « پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۇلۇبى» نىڭ كىچىك ئەپچاقىدىكى « تاسادىپىي قوش رەڭلىك توپقا يولۇقۇش»   نىڭ پائالىيەت بېتىگە كىرىپ، يان تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ ھەمدە دەلىللەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، توردىكى« قوش رەڭلىك توپ مار تەسىر كۈچى» سوئال   تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، قىممىتى 32 يۈەن بولغان قوش رەڭلىك توپ 6 + 16 پۈتۈن كۆك رەڭلىك   قايتىلانما سىناق بېلەتكە ئېرىشىۋېلىڭ.

3.png

« قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، كۆپچىلىك « تاسادىپىي قوش رەڭلىك توپقا يولۇقۇش» پائالىيەت بېتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق خەرىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقانداق پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىغا بېرىپ تەڭ سوممىلىق« قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتىگە ئالماشتۇرۋالسىڭىز بۇلىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، ھەر بىر ئۈندىدار ئابونتى پەقەت بىرلا قېتىم پائالىيەتكە قاتنىشالايدۇ. « قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيەسىنى سىناق بېلىتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىلەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى يەتتە تەبىئىي كۈن ئىچىدە بولىدۇ (شۇ كۈننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 4 مىليون 800 مىڭ يۈەنلىك« قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 150 مىڭ پارچە قىممىتى 32 يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ 6 + 16 پۈتۈن كۆك قايتىلانما قوش رەڭلىك توپ سىناق بېلىتى تارقىتىلىدۇ، يەنە نېمىنى ساقلاۋاتىدۇ؟ تېزراق قاتنىشىڭ!

4.png

分享到: