新闻详情

مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات ۋە ئېسىل ئاپتوموبىللار سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ

 二维码 38
发表时间:2020-09-09 19:35作者:ئەلكۈيى تورى

مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات ۋە ئېسىل ئاپتوموبىللار شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە بازىرىغا كېرىپ كەلدى

9 ـ ئايدىكى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارقىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پاراۋانلىق لاتارىيەسىمۇ مۇشۇ ئالتۇن رەڭلىك 9 ـ ئايدا ئۆزىنىڭ يېڭى ئەزاسى «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» نى كۈتۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەرگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك «مىليون مۇكاپات + ئېسىل ئاپتوموبىل» لىق بەخت ـ سائادەتنى ئېلىپ كەلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى شىنجاڭ رايونىدىكى لاتارىيەلىكلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، 2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ دائىرىسىدە قىممىتى 20 يۈەنلىك «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» ناملىق لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.

«ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» مىليونلىغان مۇكاپات لىنكولىن ئېسىل ئاپتوموبىلىنى ئېلىپ مەيدانغا چىقتى

1.png

«ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» دېگەن خەتلەر يالتىراپ تۇراتتى، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» دېگەن خەتلەر ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ تۇراتتى، بۇنىڭغا قاراپ ئادەمنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا بىر پارچە سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باققۇسى كېلەتتى. « ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» نىڭ قىممىتى 20 يۈەن، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى% 65، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن بولۇپ، جەمئىي 20 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار، توققۇز مۇكاپات دەرىجىسى بار. ئويۇن قائىدىسى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ئېسىڭىزدە بولسۇن: لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋەتكەندىن كىيىن، ئەگەر خالىغان بىر« مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن خالىغان بىر« مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيسىز، ئەگەر يامبۇ تۇمار بەلگىسى چىقسا ، بۇ بەلگە ئاستىدىكى ماس مۇكاپات پۇلىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر زىخچە ئالتۇن بەلگە چىقسا، ئويناش ئۇسۇلى رايونى ئىچىدىكى بارلىق مۇكاپاتلارنىڭ يىغىندىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتنىڭ ئەلۋەتتە مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى، شۇنداق بولۇپلا قالماي «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» نى سېتىۋالغاندا يەنە لىنكولىن داڭلىق ئاپتوموبىلىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بار!

2.png

لىنكولىن قاتارلىق 25 ماشىنا سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەزگىلىدە، لاتارىيە بېلەت سېتىۋالغۇچىلار شىنجاڭ بويىچە خالىغان بىر پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش نۇقتىسىدىن قىممىتى 20 يۈەنلىك «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» ئويۇن بېلىتى سېتىۋالسىلا، لاتارىيە بېلىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشالايدۇ. يەنى: لاتارىيەچىلەر جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئويۇن بېلىتى ئويناش ئۇسۇلى رايونىدا« ئاپتوموبىل» دېگەن بەلگىنى قىرىپ چىقسا بىر دانە لىنكولىن ئاپتوموبىلىغا ئېرىشىدۇ، پائالىيەت مەزگىلىدە 25 دانە لىنكولىن ئاپتوموبىل تارقىتىلىدۇ، زادى كىم ئۇنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتالايدۇ !

تەلەي كەلگەندە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرىدىغان ۋاقىتتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

بۇ قېتىمقى جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، نەپ كۆپ، خۇشاللىقمۇ شۇنداقلا ناھايىتى كۆپ، ئەگەر سىز تەلىيىڭىزگە يارىشا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز ۋاقتىدا مۇكاپات نەقلەشتۈرۈڭ، مۇكاپات نەقلەشتۈرگەندە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر سىز« لىنكولىن ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتى» غا ئېرىشسىڭىز، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە ئالدىن ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك (ئىلتىماس قىلىش تېلېفون نۇمۇرى :0991-3075634) ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە بېرىپ تىزىملىتىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى پائالىيەت باشلىنىپ تاكى   پائالىيەت ئاخىرلاشقانقاندىن كىيىنكى 60 تەبىئىي كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ مۇكاپات نەقلەشمىسە مۇكاپاتتىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قائىدىسىنى ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە تەۋە.


分享到: