新闻详情

ئامەتلىك يىگىت 400 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

 二维码 63
发表时间:2020-09-14 12:14作者:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «جۇڭگو ئەجدىھاسى» لاتارىيە بېلىتى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، غۇلجىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن يىگىت شياۋليۇ« جۇڭگو ئەجدىھاسى» نىڭ 400 مىڭ يۈەنلىك باش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، شياۋليۇ بىر كۈنلىك دەم ئېلىش كۈنىنى كۈتىۋالدى، ئەسلىدە كۆڭلى ئازادە بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇ ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇلنى تولۇق يىغالمىغانلىقى ئۈچۈن بەك بىئارام بولدى، شۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ، ھاۋا يەپ كېلىشنى قارار قىلدى. شياۋليۇ غۇلجا شەھىرىدىكى 65410361 پارۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى، بەلكىم ئۇنىڭغا ئامەت كېلىپ ئۆزىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەلىشى مۇمكىن ئىدى. پونكىتقا كىرگەندىن كېيىن، شياۋليۇ مال ساتقۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، قىممىتى 10 يۈەنلىك« جۇڭگو ئەجدىھاسى» لاتارىيەسىنى تېز سۈرئەتتە تاللىدى، ئويۇن قائىدىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن 400 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى بايقىدى. شياۋليۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز ھاياجىنىغا چىداپ، مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىنى ئاستا يانچۇقىغا سېلىپ ئۇدۇل ئۆيگە قايتتى، چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسى، قىز دوستى بىلەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇشاللىقىدىن تېزرەك بەھرىمەن بولۇشنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىدە ئۇزۇندىن بېرى بېسىلىپ قالغان ئىس-تۈتەكلەرنى بالدۇرراق تارقىتىۋېتىشنى ئويلايتتى.

ـــ «بۇ كاتتا مۇكاپات دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى! ئوغلۇم بىلەن لايىقىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىغىمۇ بىر قانچە يىل بولدى، بۇ يىل توي قىلماقچى، بىراق ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىغاچقا، ئۆي سېتىۋالغاندا ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى چىقىرالمىدۇق. ئەمدى ياخشى بولدى، بۇ كاتتا مۇكاپات بىزنىڭ ھەممە مەسىلىمىزنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلدى، ئوغلۇم بۇ يىل خوتۇننى ئېلىپ ئۆيگە قايتىدىغان بولدى! ھا، ھا، ھا! »ـــ دېدى شياۋليۇنىڭ ئانىسى خۇشال ھالدا.

1.png

分享到: