مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان لاتارىيەچى مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2020-09-21 12:32来源:پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى يېقىندا، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلغان« ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، مىليونلىغان چوڭ مۇكاپات + لىنكولىن« تەۋەككۈلچى» ئاپتوموبىلى مۇكاپاتلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇلۇپ، مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىش ۋە كاتتا ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا بار، بۇ نەچچە ئون مىڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ئارزۇسى ھە. لاتارىيەچى ئابدۇ ئەپەندىم مانا مۇشۇنداق ئارزۇسى بار ھەمدە بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان ئادەم. بىر ھەپتە ئىلگىرى، ئۇ شىنجاڭ رايونى پارۋانلىق لاتارىيە بازىرىدا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر » بېلەتنى ئاڭلىدى، 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتتىن باشقا، يەنە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كاتتا مۇكاپاتى بولغان لىنكولىن تەۋەككۇلچى ئاپتوموبىلى بار ئىكەنلىكى ئاڭلىدى، لېكىن ھازىر ئۈزۈم ئۈزۈشنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولغاچقا، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرۈپ، ۋاقىت چىقىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىلى بارالمىدى، لېكىن ئۇ كۆڭلىدە دائىم لىنكولىن ماركىلىق ئاپتوموبىل بىلەن مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات ئېلىشنى خىيال قىلاتتى. 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئابدۇ ئەپەندى دوستلىرى بىلەن لۈكچۈن بازىرىدىكى 65218015 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىغا كەلدى، گەرچە «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتى بازارغا سېلىنغىلى بىر مەزگىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر » غا بولغان قىزغىنلىقى پەسەيمىگەن ئىدى، بەزى لاتارىيەچىلەر «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتى قىرىۋاتاتتى بەزىلىرى بولسا تەتقىق قىلىۋاتاتتى. ئابدۇ ئەپەندىنمۇ «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر»غا قىززىقتى،سېتىش خادىمى گەپ قىلىپ بولغۇچە ئۇ سېتىش خادىمىغا : «ماڭا "ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر" لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ بېرىڭ»-دېدى، ئارقىدىنلا بىر ئورۇننى تېپىپ ئولتۇرۇپ ئاستا ـ ئاستا قىرىپ، بىر تەرەپتىن قىرىپ، بىر تەرەپتىن« ماشىنا، ماشىنا، ماشىنى... » دەپ ئۆزى-ئۆزىگە سۆزلەۋاتاتتى، 15 ـ پارچە لاتارىيە بېلىتى قىرىۋاتقاندا، لاتارىيە بېلىتىدىكى ئىككىنچى رەتتىكى ئۈچىنچى نومۇرى« 26» بىلەن مۇكاپات نومۇرى ئوخشاش چىقتى، ئۇ ساننىڭ ئاستىدىكى پۇل سوممىسىغا قاراپ چۆچۈپ كەتتى، يەنە بىر قېتىم كۆز يۈگۈرتتى، ۋاھ! بىر مىليون؟ راستتىنلا بىر مىليون يۈەن چىقتىمۇ؟ ؟ ئۇ بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، مۇكاپات پۇلىنى خاتا كۆرۈپ قېلىپ كۈلكىگە قېلىشتىن قاتتىق ئەنسىرىدى، ئۇ ھاياجىنىنى باسالماي، مال ساتقۇچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: « ـــ قاراڭ، ماڭا مۇكاپات چىقىپتۇ قانداق؟ » ، « 1 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ!! »-دېدى مال ساتقۇچى خادىم تەپسىلىي سېلىشتۇرغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا. بۇ چاغدا ئابدۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى. « مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئويلىمىغان يەردىن بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ خۇشاللىق تۇيۇقسىز كەلدى، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، تېز سوقۇۋاتقان يۈرەك ئۇزاققىچە تىنچلىنالمىدى.»-ئا ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا: « پاراۋانلىق لاتارىيەسى بەرگەن بۇ سوۋغات بەك قىممەتلىك ئىكەن، مەن بۇ مۇكاپات پۇلىنى چوقۇم ياخشى ئىشلىتىپ، ئائىلەمگە ياردەم قىلىپ، ئاتا-ئانامغا بىر ئېغىز ئۆي سېلىپ بېرىپ، ئاتا-ئانامنىڭ چاغاننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەن يەنە بۇرۇنقىدەكلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىمەن.» دېدى. |