ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ھەربىي مەجبۇرىيەتنى رەت قىلسا، ئاقىۋىتى ئېغىر!

发表时间:2020-09-21 22:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جياڭشى شاڭراۋ شەھىرى شىنجوۋ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى «شۈ ۋېنكۇينىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغانلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»ىنى چىقىرىپ، شىنجوۋ رايونلۇق ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، شۈ ۋېنكۇينىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغانلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

49b58ebf-9fbd-4e45-8415-0d808a618705.png

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

2020-يىل ياز-كۈزلۈك ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى مەزگىلىدە، شىنجوۋ رايونى دۇڭشى كوچا باشقارمىسىدىن يېشى توشۇپ ئەسكەرلىككە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىملاتقان ياش شۈ ۋېنكۇي، ئەر، كىملىك نومۇرى 3623011998*****018، بۇ يىل ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن، ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە سىياسىي ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان، شىنجوۋ رايونلۇق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن 2020-يىل شىنجوۋ رايونىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان يېڭى ئەسكەر دەپ بېكىتىلگەن ھەمدە سەپكە كىرىش ئالدىدىكى مەشىققە قاتناشتۇرۇلغان.
سەپكە كىرىش ئالدىدىكى مەشىق داۋامىدا، شۈ ۋېنكۇينىڭ ئىدىيەسىدە قايتا-قايتا داۋالغۇش كۆرۈلگەن، سەپكە كىرىش ئىختىيارلىقى سۇسلاپ كەتكەن، دائىم تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەشىققە ۋە كوللېكتىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغان، كادىر تايانچلار كۆپ قېتىم تەربىيە بەرگەن، يېتەكلىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان.
شۈ ۋېنكۇينىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى»، «جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شىنجوۋ رايونلۇق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق شۈ ۋېنكۇينىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغانلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلدى. بىر تەرەپ قىلىش پىكىرى تۆۋەندىكىچە:
1. دۇڭشى كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى شۈ ۋېنكۇيغا 10 كۈندىن ئاز بولمىغان «دۆلەت مۇداپىئەسى قانۇنى»، «ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلار بويىچە مەركەزلىك تەربىيە بېرىدۇ؛
2. شۈ ۋېنكۇي دۆلەت مۇداپىئەسى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش بويىچە ئىشەنچتىن قالغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ،
بانكا تارمىقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇنى ئىناۋەتلىك قەرز ئېتىبار سىياسىتى ۋە ئۆسۈمدە ئېتىبار قىلىش جەھەتتىن قوللىمايدۇ؛
3. تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار ئىككى يىل ئىچىدە شۈ ۋېنكۇينى مەمۇرلۇققا ياكى مەمۇرلار قانۇنى تەتبىقلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان خىزمەتچىلىككە، شۇنىڭدەك دۆلەت كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىش بولمايدۇ؛

4. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى شۈ ۋېنكۇينىڭ نوپۇس قەغىزىدىكى «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئەھۋالى» دېگەن كاتەكچىگە «ھەربىي مەجبۇرىيەتنى رەت قىلغان» دېگەن ئەسكەرتمىنى مەڭگۈلۈك يازىدۇ، ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنىڭ دۆلەت سىرتىغا (چېگرادىن) چىقىشقا ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەرمەيدۇ؛
5. مائارىپ تارمىقى ئىككى يىل ئىچىدە شۈ ۋېنكۇيگە ئوقۇشقا كىرىش، ئۆرلەپ ئوقۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيدۇ؛
6. بازارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش تارمىقى ئۈچ يىل ئىچىدە شۈ ۋېنكۇيگە سودا بىلەن شۇغۇللىنىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيدۇ؛
7. شۈ ۋېنكۇيگە شىنجوۋ رايونىنىڭ 2019-يىللىق ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ئېتىبار پۇلىنىڭ 1~3 گىچە ھەسسىسى بويىچە 20000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بۇنى دۇڭشى كوچا باشقارمىسى ئىجرا قىلىدۇ، جەرىمانە رايون مالىيەسىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛
8. تاراتقۇلار شۈ ۋېنكۇينىڭ قىلمىشىنى ۋە جازالاش نەتىجىسىنى «ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغان سەلبىي تىپ   سۈپىتىدە جەمئىيەتكە ئۇقتۇرىدۇ.


分享到: