ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

سىز «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقتىڭىزمۇ؟

发表时间:2020-09-22 12:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

شىخەنزە شەھىرى لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىلىرى 2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە قىممىتى 20 يۈەنلىك «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى پائالىيەت يەنىلا لاتارىيەچىلەرنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن «مىليون يۈەنلىك مۇكاپات + ئېسىل ئاپتوموبىل» ئەندىزىسى بولۇپ، ساتقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئېشىپ، تۇنجى بولۇپ دوستلار چەمبىرىكىدە بۇ خۇش خەۋەرنى ھەمبەھىرلىدى.

3.png

«ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتى يۈزىگە بايلىقنىڭ سىمۋولى بولغان« ئالتۇن خىش» ئىشلىتىلگەن، بىلەت يۈزىدە ئالتۇن ھەل ھۈنەر-سەنئىتى ئارقىلىق كۆزنى چاقنىتىدىغان كەيپىيات يارىتىلغان، نۇر چاقناپ تۇرىدۇ، «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» دېگەن باش تېمىغا ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئالتۇن خىشنىڭ ئوبرازىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك كۆرۈش سېزىمى تۇيغۇسى بەرپا قىلىنغان، لاتارىيە بېلىتى كۆرگەن ئادەم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بىر پارچە سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تەلىيىنى سىناپ باققۇسى كىلىدۇ. «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتى قىممىتى 20 يۈەن، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى% 65، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن، جەمئىي 20 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار، توققۇز مۇكاپات دەرىجىسى بار، ئويناش قائىدىسى ئاددىي، چۈشىنىشلىك. بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايون بويىچە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە جەمئىي 5 دانە 1 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات ۋە 25 دانە لىنكولىن ئېسىل ئاپتوموبىل مۇكاپاتى بار بولۇپ، « مىليون يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات + ئېسىل ئاپتوموبىل» نىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ناھايىتى زور.


9 ـ ئاي ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، بۇ قېتىم پۈتۈن شىنجاڭدا بىرلىككە كەلگەن «مىليون يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات + ئېسىل ئاپتوموبىل» لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى، بۇ پائالىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن كېيىنكى تۇنجى زور سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

لاتارىيەچى لى ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى، دوستلار چەمبىرىكىدىن «مىليون يۈەنلىك چوڭ مۇكاپات + ئېسىل ئاپتوموبىل» يېڭى لاتارىيە بېلىتىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزى دائىم بارىدىغان 65030056 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىغا بېرىپ ئون پارچە«ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» نى سېتىۋالدى ۋە ئۆزىنىڭ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى. ھازىر ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان   نۇر 9 ـ ئايدىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن رەڭلىك ھوسۇل پەسلىدە ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرى بىلەن قالتىس ئۇچراشتى، مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بىلەن ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل زادى كىمگە چىقىدۇ؟ كىم بۇ ئامەتنىڭ ئىگىسى؟


分享到: