ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسى: پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر ياۋا غازلارنى جەلپ قىلدى

发表时间:2020-09-22 17:27作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى




   كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى شياۋخەيزې سۇلۇق يېرىدە، نېلۇپەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، سۇ يۈزى قات-قات نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى بىلەن لىق تولدى. ياپيېشىل نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى خۇددى كۈنلۈكتەك شامالدا لەپىلدەپ، يېشىل دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ، نېلۇپەر ۋە ئېچىلىش ئالدىدىكى غۇنچە يېشىل دولقۇنغا ھۆسىن قوشۇپ، ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىردى.

   بۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر نەچچە ياۋا غاز توختاپ بىردەم ئارام ئېلىپ، نېلۇپەر ئارىسىدا ئەركىن ئۈزۈپ، نېلۇپەر كۆلچىكىگە ھاياتىي كۈچ قوشتى.















分享到: