بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃26发表时间:2020-09-24 16:26来源:تىيانشان تورى ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن): ئالتۇن كۈز ھاۋا ساپ ۋە سالقىن، ئېگىزگە يامىشىپ يىراقلارغا نەزەر تاشلايدىغان ياخشى مەزگىل. ئېگىزگە يامىشىش ئادەم بەدىنىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ. بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر قارغا ئايلىنىدۇ ياكى قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃ 26، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11 بولىدۇ، 3~4 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ. بۈگۈن 6~7 بال غەربىي شىمال بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىن-تۆمۈرتام بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى شامال ئېغىزىدىن ئىبارەت. |