ئالتاي شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قار ياغدى، قىشلىق ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەييارلىق مەزگىلىگە كىردى发表时间:2020-09-29 13:43来源:新疆广播电视台 كۈز پەسلىدە قىش مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىپ باققۇڭىز بارمۇ؟ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئالتاي شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونىدا بۇ يىل 2- قېتىم قار يېغىپ، ئاسمان- زېمىن ئاپئاق تۈسكە كىردى، ئالتاي شەھىرى قىشلىق ساياھەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشقا ھازىرلاندى. ئالتاي «يېكاشيا» چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكى تاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قار گۈللىرى لەپىلدەپ ئۇچۇۋاتاتتى. ئالتاي تېغى «يېكاشيا» خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا تەخمىنەن 200 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، كەڭ دالا قار ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاپئاق قار دۇنياسىغا بولغان چەكسىز تەقەززالىقىنى قاندۇرالايدۇ. قار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھەر قايسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىمۇ ئالدىن تەييارلىق باسقۇچىغا كىردى. ھازىر ئالتاي تېغى يېكاشيا خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى چاڭغا تېيىلىش يوللىرىنى رېمونت قىلدى ھەمدە قارلىق يەر موتوسىكلىتى، قار مۈشۈكى، قار جابدۇقلىرى قاتارلىق چاڭغا تېيىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى. يەنە ئېسىل ياتاق مۇھىتى بەرپا قىلدى. كېيىنچە ئۆي ئاپتوموبىلى ۋە يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تولۇقلاپ، ساياھەتچىلەرنىڭ چاڭغا تېيىلىپ ساياھەت قىلىش تەسىراتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ. ئالتاي شەھىرى ساياھەتچىلىكتە «تۆت پەسىل ناخشىسى» نى ئومۇميۈزلۈك ياڭرىتىش ئۈچۈن، مول ئۆزگىچىىلىككە ئىگە كۈز، قىش ۋە ئۆرپ- ئادەت ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، كۈز، قىش پەسىللىك ساياھەت مەدەنىيەت كەسپىنى پائال يېتىشتۈردى. مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىش، ئېسىل لىنىيە، قار- مۇز ساياھىتى، قار- مۇز مەدەنىيىتى، قار- مۇز تەنتەربىيەسى، قار- مۇز سەنئىتى، قار- مۇز ئىقتىساد سودىسىنى مەزمۇن قىلىپ، قار- مۇز يۈرۈشلۈكلىرى باش تېما قىلىنغان پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى ۋە قانات يايدۇردى. ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىشى بارلىققا كەلگەن جاي، جۇڭگو ياۋا قار بازىسى، ئالتۇن كۈز مەنزىرىسى فوتو سۈرەت بازىسى قاتارلىق داڭلىق بايلىق ئەۋزەللىكلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە زورايتىپ، «ئىنسانلار بۇ يەردە چاڭغا تېيىلىشنى ئۆگەندى، چاڭغا تېيىلىش بۇ يەردىن دۇنياغا يۈزلەندى» دېگەن مەزمۇننى تاشقى تەشۋىقات ئوبرازى قىلىپلا قالماي، ئالتاينىڭ گۈزەل كۈز، قىش مەنزىرىسى ۋە قويۇق ئۆرپ- ئادىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئۇنىۋېرسال سۈرەتكە تارتىش، چاڭغا تېيىلىش، سىر ئىزدەش، ئۆرپ- ئادەتتىن بەھرىمەن بولۇش، ناخشا- ئۇسسۇلدىن ھوزۇرلىنىش، ئېسىل تائاملاردىن بەھىرلىنىشنى ئاساس مەزمۇن قىلىپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش ۋە تەسىرات شەكلىدىكى ئۆزگىچە ساياھەت ئېسىل تۈرلىرىنى قەدەممۇ- قەدەم شەكىللەندۈرۈپ، ئالتاي شەھىرىنى ئاپتونوم رايون ھەتتا مەملىكەت بويىچە مۇھىم ساياھەتچىلەر يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچىدۇ. |