ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

شىنجاڭ خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى

发表时间:2020-09-29 18:08作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى
微信截图_20200929175752.png
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە ماشىنىلار شىنجاڭ خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ چىرا دەرياسى 2-نومۇرلۇق كۆۋرۈكىدە قۇرۇلۇش قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ خوتەندىن چاقىلىققىچە بولغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، رېلىس ياتقۇزۇش، يول ئۇلىنى ئاسراش، لىم قويۇش قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 825 كىلومېتىر بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، 2020-يىلى 5-ئايدا رېلىس ياتقۇزۇش رەسمىي باشلانغان. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەن قاتارلىق جايلاردا پويىز قاتنىماسلىق تارىخى ئاخىرلىشىدۇ، خوتەن ئاممىسىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىش مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقىرايدۇ، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.(خۇ خۇخۇ فوتوسى)

微信截图_20200929180605.png
微信截图_20200929180633.png
微信截图_20200929180655.png
微信截图_20200929180712.png
微信截图_20200929180733.png


分享到: