ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

يۈەن لۇڭپىڭ ئەترىتى قۇملۇق بويىدا يېتىشتۈرگەن شورغا چىداملىق شال ئۇدا ئۈچ يىل مۇقىم مەھسۇلات بەردى

发表时间:2020-09-29 18:42作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، يۈەن لۇڭپىڭ شال تەتقىقات ئەترىتى تەتقىق قىلغان شورغا چىداملىق شالنىڭ مەھسۇلات مىقدارى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدە ئاشكارا ئۆلچەندى. مەھسۇلات ئۆلچەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرقى نەزەرىيەۋى مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 548.53 كىلوگىرام بولدى.

مەھسۇلات ئۆلچەش ئېتىزلىرى قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى بايئاۋات يېزىسىغا جايلاشقان، دۇنيادىكى 2-چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە يېقىن، 300 مو يەرگە تېرىلغان بولۇپ، سىناق تەرىقىسىدە تېرىلىدىغان يەرنىڭ تۇز تەركىبى تەخمىنەن ئۈچ پىرسەنت پوئىنت، pH كىسلاتالىق-ئىشقارلىق دەرىجىسى 7.8، ئېغىر دەرىجىدىكى شورلۇق تۇپراققا كىرىدۇ.

شورغا چىداملىق شال تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتا، يۈەن لۇڭپىڭ ئىلگىرى ئاشكارا ھالدا مۇنداق دېگەنىدى: نۆۋەتتە شالغۇت شالنىڭ ھەر بىر گېكتار مەھسۇلات مىقدارى 18 توننىغا يېتىدۇ، كېيىنكى نىشان «دېڭىز سۈيى شېلى» دەپ ئاتىلىدىغان شورغا چىداملىق شال بويىچە ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۆلچەر بويىچە بولغاندا، شورغا چىداملىق شالنىڭ ھەر موسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 300 كىلوگىرامغا يېتىدۇ.

دۆلەت شالغۇت شال قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ كاندىدات مۇدىر تەتقىقاتچىسى، ئۇزۇن يىل شال ئۆستۈرۈش تەتقىقاتى قىلغان جاڭ يۈجۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز «ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش»، ناچار شارائىتتا تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. بۇنىڭدىن باشقا ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شورغا چىداملىق شال تېرىقچىلىقى تۇپراقنى ياخشىلاش رولىنى ئويناپ، چۆللىشىشنى كېچىكتۈردى. سىناق تەرىقىسىدە تېرىلىدىغان يەرنىڭ تۇز تەركىبى ئۈچ يىل بۇرۇنقى 0.018دىن ھازىرقى تەخمىنەن 0.003گە چۈشتى، pH كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسى سەككىزدىن 7.8گە چۈشتى.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى شورغا چىداملىق شال ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ لىشەن شال مەھسۇلاتىنى ئۆلچەش رايونىنى ئايرىماقتا.(گاۋ خەن فوتوسى)

مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىزدىكى شورلۇق يەر كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 200 مىليون مو يەردە شال ئۆستۈرۈش يوشۇرۇن كۈچى بار ئىكەن، ئەگەر شورغا چىداملىق شال كەڭ كۆلەمدە تېرىلسا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.   


分享到: