新闻详情

مېسسى مۇشۇ نەچچە سائەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ

 二维码 10
发表时间:2020-08-28 12:46作者:ئەلكۈيى تورى

ئارگېنتىنا تاراتقۇسى «ئولې گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسسى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئاللىقاچان قارار چىقىرىپ بولغان بولۇپ، ناھايىتى تېزلا بۇ قارارىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلايدىكەن.

سۇئارېز ترېنېر كومان تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئۇقۇپ بولدى، ئۇمۇ بارسېلونانىڭ يېڭى پىلانىدا ئەمەس ئىكەن، ئۇ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:

2020082303071929426.jpg

«ھېچكىم ماڭا ئۇلارنىڭ ئەمدى ماڭا ئىھتىياجلىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدى، ئەگەر بۈ كۇلۇبنىڭ قارارى بولسا، ئەڭ ياخشىسى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بۇ ئىشنى ماڭا بىۋاستە دېسە بولىدۇ.»

ترېنېر كومان بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىدە مېسسى ئۆزىنىڭ كوماندا يېڭى پىلانىغا قارىتا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن نۆۋەتتە ھازىرغىچە ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق خەۋەر ئوتتۇرىغا چىقمىدى، مېسسىنىڭ بارسېلونا بىلەن تۈزگەن توختامى 2021-يىلى يىلى يازدا ئاخىرلىشىدۇ، ھازىر ئۇ ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ سەگەك. كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، مېسسى بەلكىم ئۆز قارارىنى چىقىرىشى مۇمكىن.


分享到: