新闻详情

مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلسا، بارسېلونا دىبالانى قوشۇۋالىدۇ

 二维码 4
发表时间:2020-08-28 12:47作者:ئەلكۈيى تورى

«تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلسا، بارسېلونا دىبالانى قوشۇۋېلىشنى ئويلىشىدىكەن.

دىبالا بىلەن مېسسىنىڭ كەلگۈسى ئېنىق ئەمەس، دىبالا ھازىر يۇۋېنتۇس بىلەن توختام ئۇزارتىش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ تېخى بىرلىككە كەلمىدى. دىبالا يېڭى توختامدا 15 مىليون ياۋرولۇق يىللىق مائاشقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، لېكىن يۇۋېنتۇس پەقەتلا سەككىز مىليون ياۋرو + مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارسېلونا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىن شاللانغاندىن كېيىن مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلار كۆپەيدى، يېڭى باش ترېنېر كومان كۆپلىگەن پېشقەدەم توپچىلارنى تازىلىماقچى، ئەگەر مېسسى راستىنلا بارسېلونادىن ئايرىلسا، ئۇنداقتا بارسېلونا دىبالانى قوشۇۋېلىپ مېسسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشى مۇمكىن.


分享到: