9-ئاينىڭ 29-كۈنى، بىر شەھەر ئاھالىسى يان تېلېفونىدا سىچۇەن ئۆلكىلىك كۇتۇپخانىنىڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چېڭدۇ شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ھەر كۈنى كەچ سائەت 7:30دىن باشلاپ، چېڭدۇ شەھىرى تيەنفۇ مەيدانى، جىنجياڭ باغچىسى، پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى قوش مۇنارى، خۇەنچيۇ مەركىزى قاتارلىق شەھەرنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلىرىدە دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ باش تېما قىلىنغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ۋە سايە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.(جاڭ كېفەن فوتوسى)
9-ئاينىڭ 29-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان چېڭدۇ شەھىرى خۇەنچيۇ مەركىزىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان چېڭدۇ شەھىرى پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى قوش مۇنارىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).