新闻详情

«قوش شاھ» جەم بولامدۇ؟ يۇۋېنتۇسمۇ مېسسىنى قوشۇۋالماقچى

 二维码 5
发表时间:2020-08-28 12:51作者:ئالىم


«كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىرقى يۆتكىلىش بازىرىدا خەلقئارا مىلان، پارىژ سانت گېرمان ۋە يۇۋېنتۇس قاتارلىق ئۈچ كۇلۇب مېسسىنىڭ كەلگۈسىگە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا مىلان بىلەن پارىژ سانت گېرماننىڭ مېسسىنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ كەتتى، ئەمما يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ گىگانت توپچىنى قوشۇۋالماقچى بولۇشى مەستانىلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا. ئەگەر يۇۋېنتۇس راستىنلا مېسسىنى قوشۇۋالسا، ئۇنداقتا مېسسى بىلەن كرىستىيانو رونالدو بىر كوماندىدا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، بۇ يۇۋېنتۇس باش ترېنېرى پىرلونىڭ ترېنېرلىق ھاياتىدىكى تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىلا «شاھلار گۇرۇپپىسى»غا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يۇۋېنتۇسنىڭ 11 ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مېسسى پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى، ئۇ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيانلا بارسېلونادا توپ تېپىۋاتىدۇ، لېكىن بارسېلونا 8:2 نەتىجە بىلەن بايرېن مىيۇنخېنغا ئۇتتۇرۇپ ئېچىنىشلىق نەتىجىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىن شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن، مېسسى كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئويلىشىشقا باشلىغان، ھازىر ياۋروپادىكى بىر قىسىم چوڭ كۇلۇبلار بۇ گىگانت چولپاننى قوشۇۋېلىش پۇرسىتىنى كۈتمەكتە.

«كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلاردا مالىيە كۈچى يېتەرلىك بولسىمۇ، شۇنداقلا ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىمۇ توپچىلارنى جەلپ قىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن مانچېستېر شەھىرى ھازىرچە مېسسىنى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشمىغان، ئەمما پارىژ سانت گېرمان، خەلقئارا مىلان ۋە يۇۋېنتۇستىن ئىبارەت بۇ ئۈچ كۇلۇب ئۇنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

پارىژ سانت گېرماننىڭ مالىيە ئەھۋالى ئىزچىل ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇردى، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ خېلى بۇرۇنلا بۇ كۇلۇبنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. بىلىشىمىز كېرەككى، پارىژ سانت گېرمان 222 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ نېيمارنى قوشۇۋالغان ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەيلا 180 مىليون ياۋروغا مباپپېنى قوشۇۋالغان (ئىجارە ھەققى ۋە يۆتكىلىش ھەققى قوشۇلۇپ)، بۇنىڭدىن پارىژ سانت گېرمان مېسسىنى قوشۇۋالسا دۇنيانى زىل-زىلىگە سالىدىغان يەنە بىر ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئەمما نېيمار، مباپپې ۋە مېسسىنىڭ يىللىق مائاشى 100 مىليون ياۋرو (باجدىن كېيىن)دىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پارىژ سانت گېرمان تېخىمۇ ئېغىر مالىيە مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

سۇنىڭ گۇرۇھىغا قاراشلىق خەلقئارا مىلانمۇ مېسسىنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا، ئۇلار مېسسىنى قوشۇۋېلىپ مېسسى + لاۋتارو ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى. شۇنداقلا مېسسىنىڭ خەلقئارا مىلاننىڭ ياۋروپا چېمپىيونىغا ئايلىنىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار يەنە يۇۋېنتۇسنىڭ مونوپۇللىقىنى بۇزۇپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭمۇ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشمەكچى.

كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، يۇۋېنتۇسمۇ مېسسىنى قوشۇۋېلىشقا قىزىقىشقا باشلىغان، ئەگەر يۇۋېنتۇس راستىنلا مېسسىنى قوشۇۋالسا، ئۇنداقتا ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى «قوش شاھ» بىر كوماندىدا جەم بولىدۇ، بۇ مەيلى پۇتبول دۇنياسى ۋە يۇۋېنتۇسقا نىسبەتەن بولسۇن ياكى مەستانىلەرگە نىسبەتەن بولسۇن، ئوخشاشلا يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىش، يۇۋېنتۇسنىڭ باش ترېنېرى پىرلومۇ ترېنېرلىق ھاياتىدىكى تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىلا 11 قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككى توپچىغا ترېنېرلىق قىلىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئويلاپ يەتكۈسىز ئەھۋال!

ئەلۋەتتە، يۇۋېنتۇسمۇ مالىيە جەھەتتە تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى كرىستىيانو رونالدونىڭ يىللىق مائاشىلا 31 مىليون ياۋرو، مېسسى قوشۇلسىمۇ كرىستىيانو رونالدودىن ئاز مائاش ئالمايدۇ، بەلكىم يۇۋېنتۇس بۇ ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلالماسلىقى مۇمكىن.


分享到: