新闻详情

بارسېلونانىڭ مېسسىنى سېتىلماس توپچى قاتارىغا كىرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبى

 二维码 5
发表时间:2020-08-28 12:52作者:ئەكبەر

مېسسى كوماندىدا قالامدۇ؟ بۇ يېقىندىن بۇيان بارسېلونادىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقسىز ئامىلغا ئايلاندى، ئىسپانىيە تاراتقۇسى «دۇنيا تەنتەربىيىسى گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ رەئىسىدىن تارتىپ، تېخىنىكا ۋە كوماندا يېڭى ترېنېرى كومانغىچە ھەممىسى ئارگېنتىنانىڭ بۇ 10-نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ناھايىتى ئېنىقكى، لىسبوندىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت مېسسىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى ۋە نارازى قىلدى، ھازىر ئۇ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدسىزلىك باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە، كەيپىياتىدىكى داۋالغۇش ئۇنى قايتىدىن كەلگۈسىنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلدى، ئالدىنقى ھەپتىدىكى مېسسى بىلەن كوماننىڭ سۆھبەت مەزمۇنى ھازىرغىچە تولۇق ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش مۇددىئاسى بارلىقىنى كومانغا بىلدۈرگەنلىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى، ئەمما كومان ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مېسسىنىڭ كوماندىدا قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

2020082023333661513.jpg

«دۇنيا تەنتەربىيىسى گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە بارسېلونا ئىچكى قىسمىنىڭ پوزىتسىيىسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، مېسسى سېتىلماس توپچى، بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك كۇلۇب ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە مېسسىنى سېتىش مۇمكىنچىلىكىمۇ يوق ئەمەس، لېكىن كۇلۇب رەئىسى بارتومېئۇ ھەقىقى قارارنى چىقارغۇچى، ئۇ كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم توپچىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ قانداقتۇ ياخشى سودا ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇ سەۋەپلىك پەقەت مېسسىنىڭ توختام مۇددىتى توشمىسىلا، بارسېلونا ھەرگىزمۇ ئۇنى قويۇپ بەرمەيدۇ.

ئەگەر مېسسى كوماندىدىن ئايرىلىمەن دەيدىكەن، پەقەت بىر خىللا ئۇسۇل بار، ئۇ بولسىمۇ 700 مىليون ياۋرو توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققىنى تۆلەش، چۈنكى ئۇ بارسېلونانىڭ ھۇجۇم ھەم مۇداپىئەدىكى يادروسى بولۇپلا قالماستىن يەنە كۇلۇبنىڭ ئەڭ چوڭ سودا «ۋىۋىسكىسى»، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالدا مىسسىنى قويۇپ بەرسە ، يېتەرلىك كىرىم بولغاندىلا ئاندىن زىياننى تولۇقلىغىلى بولىدىكەن.

2020082102151144579.jpg

بۇ گېزىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر مېسسىنىڭ غەزىپىنى چۈشىنىدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مېسسىدەك بىر بارسېلونانىڭ سادىق مەستانىسى ھەم قوشۇمچە كوماندا كاپىتانى باشلامچى بولۇپ كوماندىنى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدىكەن.


分享到: