新闻详情

كومان مېسسىغا ئۇنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، كوماندىنىڭ بىر قىسىم ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىد

 二维码 2
发表时间:2020-08-28 12:54作者:دىلارە

2020082119003680455.jpg

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «Deportes Cuatro»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا ترېنېرى كومان مېسسىغا كوماندىدىكى ئالاھىدە ھوقۇقنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ ئەمدى خالىغانچە باشقۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كومان كوماندىنى ئۆزگەرتىشنى ھەم شۇنداقلا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنى تازىلاشنى ئويلىغان بولۇپ، خىيالىنى مېسسىغا ئۆز خىيالىنى بىلدۈرگەن، ئىككىيلەننىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىدە، كومان سۆھبەت باشلىنىشىغىلا ئۆزىنىڭ كونترول قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان، بۇمۇ مېسسىنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىغان، كومان ناھايىتى كەسكىن ھالدا مېسسىنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان كوماندا ئىچىدىكى بىر قىسىم ئالاھىدە ھوقۇقلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىنتايىن جىددىي كەيپىياتتا داۋاملاشقان.

2020081920090314923.jpg

بۇ قېتىمقى يىغىندا كومان بارسېلونانىڭ كاپىتانىغا ئۆزىنىڭ ئاسانلىقچە بىر ئىش چىقىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى، كوماندىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ مېسسىغا ئەسكەرتىپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنى خالىغانچە باشقۇرۇشلارنىڭ ئەمدى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كوماندىدىكى بىر قىسىم ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ قېتىمقى يىغىنمۇ مېسسىنىڭ نارازىلىقى بىلەن ئويلىمىغان كەيپىياتتا ئاخىرلاشقان.

كومان مېسسىنى كوماندىدا قالدۇرۇشنى ئويلايدىغان بولسىمۇ، ئەمما قارار قىلىش ھوقۇقى يەنىلا مېسسىنىڭ قولىدا، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئارگېنتىنالىق بۇ ھۇجۇمچىنىڭ كوماندىدا قېلىشىغا سېلىشتۇرغاندا، كوماندىدىن ئايرىلىش مۇمكىنچىلىكى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.


分享到: