新闻详情

سۇئارېزنىڭ كوماندىدىن تازىلىنىشى، مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىغا كېلىشتىكى مۇھىم سەۋەپ

 二维码 7
发表时间:2020-08-28 12:54作者:كوماندا باشلىقى

2020082600272892686.jpg

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «دۇنيا تەنتەربىيىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كاپىتانى مېسسى، كۇلۇبقا پوچتا يوللانمىسى يوللاپ، ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىغا كېلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن بارسېلونا كۇلۇبى سۇئارېزنى كوماندىدىن تازىلاش توغرىسىدا قارار چىقارغان بولۇپ، دەل مۇشۇ خەۋەر، مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنى چىقىرىشتىكى مۇھىم ئامىل ئىكەن.

بىر كۈن بۇرۇن بارسېلونانىڭ يېڭى ترېنېرى كومان سۇئارېزغا تېلفۇن بېرىپ، ئۇرۇگۋايلىق بۇ ھۇجۇمچىغا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، «دۇنيا تەنتەربىيىسى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇمۇ مېسسىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

مېسسى بىلەن سۇئارېزنىڭ دوستلۇقى ئالاھىدە چوڭقۇر بولۇپ، بارسېلونا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە شاللانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى نەپەر ھۇجۇمچى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ مېسسىنىڭ تاغ ئۈستىدىكى تۇرالغۇسىغا بېرىپ ئارام ئالغان، ئىككىيلەن بەلكىم شۇ ۋاقىتتا كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

كومان سۇئارېزغا كوماندىدىن ئايرىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ 24 سائەتتىن كېيىن، مېسسى بارسېلونا كۇلۇبىغا پوچتا يوللانمىسى يوللاپ ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يۇقارقىلاردىن باشقا كاتالونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسسى پەقەت بارتومېئۇ بارسېلونادا يەنە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن، كۇلۇبنىڭ پۇختا پىلانى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىكەن.

بۈگۈن نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلار مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش ماددىسى بىلەن بارسېلونادىن ئايرىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، پۇتبول دۇنياسىنى لەرزىگە سالدى.

كاتالونىيە يەرلىك تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېسسى بارتومېئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بارسېلونادا پۇختا پىلان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىكەن، يەنە كېلىپ بۇمۇ ئۇنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىش قارارىغا كېلىشتىكى سەۋەپلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.


分享到: