新闻详情

مېسسى بارسېلوناغا يوللىغان فاكسنىڭ ئەسلى مەزمۇنى ئاشكارىلاندى

 二维码 2
发表时间:2020-08-28 12:56作者:ئادىلە

بۈگۈنكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلىق خەۋەر ئېنىقكى مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىش ھەققىدە قارار چىقارغانلىقى بولۇپ، پۈتكۈل پۇتبول ساھەسىنى لەرزىگە سالدى، نۆۋەتتە ئارگېنتىنا تاراتقۇسى «tyc تەنتەربىيىسى» مېسسىنىڭ بارسېلوناغا يوللىغان فاكسنى ئاشكارىلىغان، دەل مۇشۇ «tyc تەنتەربىيىسى» تۇنجى بولۇپ مېسسىنىڭ بارسېلوناغا ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلىغان.

بۇ يوللانمىنىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بولۇپ، تاپشۇرۇۋالغۇچى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بارتومېئۇ ياكى كۇلۇب مۇدىرىيىتى ئىكەن، فاكسنىڭ ئەسلى مەزمۇنى مۇنداق:

«مەنكى فاكس يوللىغۇچى مېسسى، كىملىك نومۇرۇم xxxxxxx شۇنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمەنكى، كۇلۇب بىلەن تۈزگەن توختامنىڭ 24-ماددىسىغا ئاساسەن، كۇلۇب بىلەن تۈزگەن توختامىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم، كۇلۇبنىڭ توختام مەزگىلىدە ماڭا ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە كەسپىي تەرەققىيات جەھەتتە پۇرسەت بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇم. بۇ مېنىڭ شەخسىي ساپايىم ۋە كەسپىي تېخنىكامنى ئۆستۈرىدىغان قىممەتلىك دەرسىم، ئەمما شەخسىي سەۋەپتىن . . . مەن بۇ قىيىن قارارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بىلەن بارلىق مۇدىرىيەت ئەزالىرىغا يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئىھتىرام بىلەن

مېسسى

2020082605472332445.jpg

«tyc تەنتەربىيىسى»نىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ فاكىسنى مېسسى BUROFAX ئارقىلىق ئەۋەتكەن، ئەنئەنىۋى پوچتا يوللانمىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، BUROFAX ئادەتتە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىسپاتلاشقا تېگىشلىك ھۆججەتلەرنى قوبۇل قىلىپ تارقىتىشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئىسپانىيەنىڭ قانۇن تەرتىپى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا مېسسىنىڭ كۇلۇبتىن ئايرىلىش قارارىغا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان.


分享到: