新闻详情

بارسېلونا مېسسىغا مۇراجىئەتنامە ئەۋەتىپ ئۇنىڭ كوماندىدا قېلىشىنى ئۆتۈندى

 二维码 4
发表时间:2020-08-28 12:58作者:ئادىلە

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «سېر رادىئو ئىستانىسسى»نىڭ مۇخبىرى رودرىگۇزنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كۇلۇبى ئالاقە يوللاپ مېسسىغا ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئۇلار مېسسىنىڭ كوماندىدا قېلىپ، بارسېلونا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مۇخبىرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بارسېلونامۇ BUROFAX ئارقىلىق مېسسىغا ئالاقە ئەۋەتكەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن مېسسىمۇ دەل مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنى كۇلۇبقا يەتكۈزگەن ئىكەن، ئەنئەنىۋى پوچتا يوللانمىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، BUROFAX ئادەتتە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىسپاتلاشقا تېگىشلىك ھۆججەتلەرنى قوبۇل قىلىپ تارقىتىشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئىسپانىيەنىڭ قانۇن تەرتىپى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان.

2020082605161143412.jpg

بارسېلونا ئۆزلىرى يوللىغان مۇراجىئەتنامىدە، مېسسىنىڭ داۋاملىق كوماندا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھەم شۇنداقلا مېسسىنىڭ بارسېلونادا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە مېسسىنىڭ بارسېلوناغا ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان بۇ خەۋىرى، پۇتبول دۇنياسىنى زىل-زىلىگە سالغان بولۇپ، مېسسى بىلەن بارسېلونانىڭ ھەر بىر يېڭى ئۇچۇرلىرى تاراتقۇ دۇنياسىنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغان نۇقتىسىغا ئايلانغان.


分享到: