新闻详情

مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلسا 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىم كىيىدۇ؟

 二维码 5
发表时间:2020-08-28 13:00作者:ئادىلە

مېسسى بارسېلوناغا كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ھازىر كۆپلىگەن مەستانىلەر بۇ ئىشقا دىققەت قىلماقتا، بارسېلونا يۇقىرى قاتلىمى جىددىيلىك ئىچىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا.

ئارگېنتىنا تاراتقۇسى «ئولې گېزىتى» بۇ ئەھۋالغا قارىتا بىر قىسىم قارىشىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇدۇللا مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى كەلگۈسى ئۈستىدە توختالغان.

«ئولې گېزىتى» ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇنداق دېگەن: «ئەرگە مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلسا، ئۇنداقتا كىم بارسېلونانىڭ 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىدۇ؟»

«مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشى بىلەن، بارسېلونانىڭ 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمى 12 مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن قۇرۇق ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئۆتكەن 18 يىلدا رىكېلمې، رونالدىنھو ۋە مېسسى بۇ 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيگەن.»


分享到: