新闻详情

مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشىدىكى تۆت چوڭ سەۋەپ

 二维码 9
发表时间:2020-08-28 13:01作者:ئالىم

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلار مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بارسېلونا كۇلۇبىغا ئۇقتۇرۇپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى، سۈكۈتكە چۆمگەن پۇتبول دۇنياسى، بۇ خەۋەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىزدەش ماتورلىرىدىمۇ بارسېلونا ۋە مېسسى دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى يېزىش ئەڭ ئەۋجىگە چىقتى، ھەتتا مېسسىنىڭ كونا سەپداشلىرىمۇ ئالاقە تورىدا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى، مېسسى ئۆزىنىڭ توختامىدىكى كوماندىدىن ئايرىلىش ماددىسى بىلەن كوماندىدىن ئايرىلماقچى بولغان، ئەمما خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، بارسېلونا تەرەپ توختامدىكى ئۇ ماددىنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كوماندا يادروسىنى ئۇنچە ئاسان قويۇپ بەرمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن تاراتقۇلارمۇ مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش سەۋەپلىرى ھەققىدە تەھلىللىرىنى يېزىپ ئۈلگۈرۈشتى، شۇ قاتاردا ئىسپانىيە تاراتقۇسى كوبې رادىئو ئىستانىسسىمۇ مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشىدىكى تۆت چوڭ خەۋەرنى ئىنتايىن ئىخچام ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تۆت چوڭ سەۋەپنىڭ ھەر بىر تۈرىنىڭ بارسېلونا كۇلۇب مۇدىرىيىتى بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر ئالاقىسى بار ئىكەن،

2020082612422542433.jpg

1-مېسسى بارسېلونا كۇلۇب مۇدىرىيىتىگە ئىشەنمەيدۇ

2-مېسسى بارسېلونا كۇلۇب مۇدىرىيىتىنىڭ بارسېلونانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.

3-مېسسىنىڭ قارىشىچە بارسېلونا كۇلۇب مۇدىرىيىتى ھەقىقى رىقابەت كۈچىگە ئىگە كوماندىدىن بىرنى بەرپا قىلالمايدۇ.

4-بارسېلونا كۇلۇب مۇدىرىيىتى مېسسىنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدىكى بىر قىسىم سەپداشلىرىغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكى ئۇنى غەزەپلەندۈرگەن.


分享到: