新闻详情

تاراتقۇلار مېسسىنىڭ قوشۇلۇش ئىھتىماللىقى بار كوماندىلارنى تىزىپ چىقتى

 二维码 5
发表时间:2020-08-28 13:02作者:ئەكبەر

2020082612465542234.jpg

كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كاپىتانى مېسسى بۇ يىل يازدا كوماندىدىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئارگېنتىنا تاراتقۇسى «لېئو گېزىتى» مېسسىنىڭ قوشۇلۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى كېيىنكى كوماندىلار تىزىملىكىنى تىزىپ چىققان، بۇ كوماندىلارنىڭ ئىچىدە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىن تۆت كۇلۇب، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن ئۈچ كۇلۇب ۋە پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبلىرى بار ئىكەن.

تەپسىلاتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، مېسسى كۇلۇب بىلەن تۈزگەن توختامدىكى يەككە تەرەپ توختامنى بىكار قىلىش ماددىسىغا ئاساسەن كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئەمما بارسېلونا تەرەپ بۇ ماددىنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى دەپ قارايدىكەن، نۆۋەتتە كۆپلىگەن كۇلۇبلار مېسسىنىڭ ھەركىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىن پايدىلىنىپ ئارگېنتىنالىق بۇ گىگانت چولپاننى قوشۇۋېلىشنى خالايدىكەن.

2020082600052278087.jpg

«لېئو گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر قايسى كۇلۇبلار ھەرگىزمۇ پۇتبول تارىخىدىكى بۇ ئەڭ قالتىس توپچىنى قوشۇۋېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىشنى خالىمايدىغان بولۇپ، مېسسىنى قوشۇۋېلىش ئۇلارنىڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك يۆتكىلىش سودىسى ھېسابلىنىدىكەن، سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن بۇ يىل يازدا كوماندىغا زور مەبلەغ سالمايدۇ دەپ قارالغان كوماندىلارمۇ بەلكىم بۇ سودىغا ئارىلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ئارگېنتىنا تاراتقۇسى يەنە بەلكىم مېسسىنى قوشۇۋېلىشى مۇمكىن دەپ قارالغان كوماندىلارنى تىزىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن يۇۋېنتۇس، خەلقئارا مىلان، AC مىلان، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىن مانچېستېر شەھىرى، مانچېستېر بىرلەشمىسى، چېلسى ۋە ئارسېنال كوماندىلىرى بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىمۇ بار ئىكەن، گەرچە بېكخامنىڭ ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى خەلقئارا مىئامى كوماندىسىمۇ مېسسىنى قوشۇۋېلىش سېپىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مېسسىنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى سوممىلىق مائاشى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندا ئۇنىڭ ئامېرىكا بىرلەشمىسىگە بېرىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا كاتالونىيە رادىئو ئىستانىسسىنىڭ شاۋى كومپاسن ىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېسسى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مانچېستېر شەھىرىنىڭ ترېنېرى گۇاردىئولا بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ ئۆزىنى قوشۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

مۇخبىرنىڭ بىلدۈرىشىچە، مېسسى داۋاملىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە توپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، مانچېستېر شەھىرىنىڭ بۇ يىل يازدا 300 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش مەبلىغى بار ئىكەن.

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «rac1» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا نۆۋەتتە مېسسىنى كوماندىدا ئېلىپ قېلىش ئامالىنىڭ يوقلۇقىنى ھىس قىلغان بولۇپ، ئەمما ئۇلار مېسسىنىڭ ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە كوماندىدىن ئايرىلىشىنى خالىمايدىكەن.


分享到: