新闻详情

20 يىل ئىلگىرى بارسېلونا ئاددى قەغەز ئارقىلىق مېسسىنى قوشۇۋالغان، 20 يىلدىن كېيىن مېسسى فاكس ئارقىلى

 二维码 5
发表时间:2020-08-28 13:04作者:ئادىلە

20 يىل ئىلگىرى بارسېلونا بىر پارچە رېستۇراندا ئىشلىتىدىغان قەغەزگە ئىمزا قويۇش ئارقىلىق مېسسىنى كوماندىغا قوشۇۋالغان. 20 يىلدىن كېيىن مىسسى بىر پارچە فاكس ئارقىلىق بارسېلونادىن ئايرىلىپ ئۆز يولىغا ماڭماقچى بولدى.

14 يېشىدىلا بارسېلوناغا كەلگەن مېسسى كەتمەكچى بولدى، بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ كۆزى قىيماي، نەچچە يۈز كىشى نوكامپو توپ مەيدانىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ مەدھىيە ناخشىسى ئوقۇش ئارقىلىق كوماندا كاپىتانىنى كوماندىدا ئېلىپ قالماقچى بولدى، ئۇلارنىڭ ناخشىسى ياڭراشقا باشلىدى «بىز سېنى ياخشى كۆرىمىز، مېسسى قېلىپ قالغىن» غەزەپلەنگەن ئۇلار بارسېلونا كۇلۇب رەئىسى بارتومېئۇنى ئىستېپا بەرگۈزمەكچى بولۇشتى،

2020082612235136345.jpg

مېسسىنىڭ قارارى، بارسېلونانى يەنە بىر قېتىم قالايمىقان قىلىۋەتتى، ئىككى ھەپتە بۇرۇن، كوماندا ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەڭ ئاخىرىدا چىمپىيون بولغان بايرېن ميۇنخېنغا 8:2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ ئېغىر ھاقارەتلەندى. ئالتە قېتىم يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان بۇ «گىگانت چولپان»، ئۆتكەن بىر يىلدا بارتومېئۇنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى كوماندىدا بارغانسېرى نارازى بولۇشقا باشلىدى.

بۇ يىل 3-ئايدا، مېسسى كوماندا ئەمەلدارلىرىنىڭ توپچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كېمەيتىپ، مالىيەنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. 7-ئايدا، بارسېلونا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى رەقىبى خانلىق مادرىدقا قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەردى، مېسسى مۇسابىقىدىن كېيىنكى زىيارەتتە كوماندىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى تەنقىد قىلدى.

2020082605472332445.jpg

بۇ قېتىمقى «جىدەلنىڭ پىلتىسىگە» يېقىلغان ئوت بولسا، بارسېلونانىڭ يېڭى ترېنېرى كومان مېسسىنىڭ سىرداش دوستى سۇئارېزنىڭ داۋاملىق كوماندىدا قېلىشىنى خالىمىدى. ئەگەر مېسسى كوماندىدىن ئايرىلىشتا چىڭ تۇرۇۋالسا، بارسېلونا يۇقىرى يۆتكىلىش ھەققىنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى كوماندىدىن ھەقسىز ئايرىلىش بارسېلوناغا نىسبەتەن بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان زىيان. بۇنداق بولغاندا كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جىنايەت ئارتىشىغا ئۇچراش مۇمكىن. مېسسى كوماندىدىن ھەقسىز ئايرىلماقچى بولۇشتا، بارسېلونانىڭ توسقۇنلۇق قىلىش ئەمەس بەلكى قوللاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. مىسسى ئىزچىل ئىنتايىن سادىق، ئۇمۇ بارسېلونا تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس توپچى، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئەڭ ئاخىرىدا كۆڭۈلسىز ھالەتتە ئايرىلىپ كەتسە، بۇمۇ كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ.

بۇ ھەقتە خۇددى ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى ۋۇلېي دېگەندەك «سادىقلىق، كەسپىي توپچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىزنىڭ شۇ كوماندىدا توپ ئوينىغان يىل سانىڭىز بىلەن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ بىر كۇلۇبتا تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ چىن قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان قىزغىنلىق بىلەن كۇلۇبنى سۆيۈشىڭىز ۋە بەدەل تۆلىشىڭىزدە ئىپادىلىنىدۇ، مانا بۇنى ھەقىقىي مەنىدىكى سادىقلىق دىيىشكە بولىدۇ.»


分享到: