新闻详情

ئەگەر مېسسى كېتىشتە چىڭ تۇرسا بارسېلونا پەقەت 222 مىليوندىن يۇقىرى باھانىلا قوبۇل قىلىدۇ

 二维码 8
发表时间:2020-08-28 13:05作者:ئادىلە

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ئاس گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلىش پىكرىدە چىڭ تۇرسا، ئۇنداقتا بارسېلونا مېسسىنى قوشۇۋالماقچى بولغان كۇلۇبلار پەقەت 222 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق باھا قويسىلا ئاندىن مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن.

«RAC1»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كوماندىنىڭ مېسسىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا، ئۇنى مەجبۇرى كوماندىدا ئېلىپ قالالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن بولۇپ، ئەمما مېسسىنىڭ توختامىدىكى كوماندىدىن ئايرىلىش ماددىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەپلىك. ئۇلارمۇ مېسسىنىڭ ئەركىن توپچى ھالىتىدە كوماندىدىن ئايرىلىشىنى خالىمايدىكەن.

2020082621432475231.jpg

«RAC1» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېسسىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش ھەققى 700 مىليون ياۋروغا يېتىدىغان بولۇپ، ئەمما بارسېلونا توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىدىن تۆۋەن يۆتكىلىش ھەققىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىكەن. بارسېلونا پەقەت باشقا كۇلۇبلار 222 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن مېسسىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن باھا قويسا ئاندىن ئويلىشىدىكەن، نېيمارنىڭ ئەينى يىلى بارسېلونادىن ئايرىلغان چاغدىكى يۆتكىلىش ھەققىدىن ئارتۇق باھا قويۇلسا، ئاندىن مېسسىنىڭ ئايرىلىشىغا تۇخسەت قىلىدىكەن.


分享到: