新闻详情

مېسسى FIFAدىن ۋاقىتلىق يۆتكىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلتىماس قىلدى

 二维码 2
发表时间:2020-08-28 13:06作者:ئەكبەر

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن ۋاقىتلىق يۆتكىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلتىماس قىلغان.

مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلىدىغانلىقىنى كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىغا ئۇقتۇردى، ئەمما بارسېلونا ئۇنىڭ ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە كوماندىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، ئەركىن توپچىغا ئايلىنىدىغان ماددىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئۇزىرىشى توختامنىڭ ماددىلىرىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغان بولۇپ، شۇڭا مېسسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋاقىتلىق يۆتكىلىش ئىسپاتىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، بارسېلونا سوت مەھكىمىسى يەنىلا بارسېلونانى قوللىشى مۇمكىن.

مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى رىقابەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتە بارسېلونانى زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا بارسېلونا رەئىسى بارتومېئۇ ھازىر مېسسى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. بارسېلونانىڭ يېڭى تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى رامونمۇ بۇ ئىش ئۈستىدە توختىلىپ كۇلۇبنىڭ ھېچقانداق توختامنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مېسسىنى كوماندىدا ئېلىپ قالىدىغان ئامال ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.


分享到: