新闻详情

مېسسى بىلەن مانچېستېر شەھىرى بىرلىككە كەلدى، نېيمارنىمۇ تەكلىپ قىلدى

 二维码 5
发表时间:2020-08-28 13:09作者:ئەكبەر

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مېسسى بىلەن مانچېستېر شەھىرى شەخسىي ماددىلار جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، مېسسى كەلگۈسى نەچچە سائەت ئىچىدە بايانات ئېلان قىلىدىكەن، شۇنداقلا مەيلى بارتومېئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرسۇن ياكى بەرمىسۇن، ئوخشاشلا كوماندىدىن ئايرىلىدىكەن، ئۇ كوماندىنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان.

يېقىندا، بارسېلونا كاپىتانى مېسسى كوماندىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلىپ بۇ ئويىنى بارسېلونا يۇقىرى قاتلىمىغا ئۇقتۇردى، گەرچە بارسېلونا يۇقىرى قاتلىمى مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىنى خالىمىسىمۇ، لېكىن مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش پوزىتسىيەسى قاتتىق بولغاچقا كەلگۈسى بىر ئاي مابەينىدە بۇ گىگانت چولپاننىڭ كەسپىي ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ھازىر خەلقئارا مىلان، پارىژ سانت گېرمان ۋە مانچېستېر شەھىرى قاتارلىق كوماندىلارنىڭ مېسسىنى قوشۇۋالغۇسى بارلىقى، ھەتتا كرىستىيانو رونالدو توپ تېپىۋاتقان يۇۋېنتۇسنىڭمۇ ئۇنى قوشۇۋېلىپ كرىستىيانو رونالدو بىلەن جەم قىلغۇسى بارلىقى تارقالماقتا، ئەمما باشقا كوماندىلارغا سېلىشتۇرغاندا مانچېستېر شەھىنىڭ مېسسىنى قوشۇۋېلىش نىسبىتى ھەممىدىن يۇقىرى، شۇنداقلا ئۇلارمۇ مېسسىنى قوشۇۋېلىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، مانچېستېر شەھىرى مېسسىغا تۆت يىللىق توختام ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلغاندىن كېيىنكى يىللىق مائاشى 100 مىليون ياۋرو (باجدىن بۇرۇنقى، باجدىن كېيىن 60 مىليون ياۋرو)غا يېتىدىكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەلگۈسىدە نيۇيورك شەھىرىگە قوشۇلۇشى ماددىسىمۇ بار ئىكەن، بۇنداق بولغاندا مانچېستېر شەھىرى مېسسى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشقىچە ئۇنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مانچېستېر شەھىرى بارسېلونانىڭ مېسسىنى ئاسانلىقچە قولدىن چىقارمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇرۇپ ئۇنىڭ يۆتكىلىش سودىسىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان، بۇ نەق پۇل ۋە قوشۇلىدىغان توپچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مانچېستېر شەھىرى بىلەن بارسېلونا كېلەركى ھەپتە رەسمىي سۆھبەتلىشىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، مانچېستېر شەھىرى باش ترېنېرى گۇاردىئولا مېسسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ كوماندىغا قوشۇلۇشىغا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەلۋەتتە، مېسسىمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى بىلدۈرۈپ، گۇاردىئولانىڭ داۋاملىق ھالدا مانچېستېر شەھىرىگە باش ترېنېر بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، مۇخبىرلار يەنە مېسسىنىڭ نېيمارنىمۇ مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، ئەگەر نېيمارمۇ مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلسا، ئۇنداقتا مانچېستېر شەھىرى بەزى توپچىلىرىنى قولدىن چىقىرىدۇ، ئەمما ھۇجۇم سېپى ۋە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ سۈپىتى، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ، مېسسى، نېيمار، ئاگۈيرو، دېبرۇينې، ستېرلىڭ... بۇ ھۇجۇم سېپىنى ئويلاپمۇ ئويلاپ بولغىلى بولماس...

مانچېستېر شەھىرى مېسسىنى قوشۇۋېلىشتا ھەممىدىن بەك ئەستايىدىل كوماندا ھېسابلىنىدۇ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى 42 ھەمكارلاشقۇچىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن مېسسىنى قوشۇۋېلىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بارسېلونا 222 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى تەلەپ قىلسۇن ياكى مېسسىنىڭ يىللىق مائاشى 60 مىليون ياۋرودىن ئاشسۇن، ئەگەر مانچېستېر شەھىرى كۆپلىگەن ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشسە مەبلەغ جەھەتتە قىلچە قىينالمايدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ، شۇنداقلا مېسسىنى قوشۇۋېلىشى مۇ ئاسانلىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھەمكارلاشقۇچىلارمۇ مېسسى مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلغاندىن كېيىن بەلگىلىك پايدىغا (تەسىرى كۈچ) ئېرىشىدۇ!

بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن مېسسى بارسېلونادا 20 يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى، ئۇ 2003-يىلى 11-ئايدا بىرىنچى سەپكە ۋاكالىتەن مەيدانغا چۈشكەن ھەمدە كوماندا ئۈچۈن 731 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 634 توپ كىرگۈزدى ۋە 285 ياردەمچى پاس چىقاردى. ئۇنىڭدىن باشقا، مېسسى بارسېلونا بىلەن بىرگە 10 قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، ئالتە قېتىملىق شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، تۆت قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، ئۈچ قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، ئۆزىمۇ ئالتە قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تارىخ ياراتتى.


分享到: