新闻详情

سۈكۈتكە چۆمگەن مېسسى، نەچچە سائەت ئىچىدە بايانات ئېلان قىلىدۇ

 二维码 5
发表时间:2020-08-28 13:10作者:ئادىلە

2020082722230041468.jpg

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسسى ناھايىتى تېزلا جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەستانىلەرگە ئۆزىنىڭ نېما سەۋەپتىن بارسېلونادىن ئايرىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە كەلگۈسى ھەققىدىكى قارارىنىمۇ ئاشكارىلايدىكەن.

خەۋەردە دىيىلىشىچە، مېسسى جىمجىتلىقنى بۇزۇشنى پىلانلىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنى نېمە سەۋەپتىن چىقارغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمەكچى بولغان، نۆۋەتتە تېخى تەپسىلى ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىغان، ئەمما بۇ تاراتقۇنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسسى ئانچە ئۇزۇن قالمايلا مەستانىلەرگە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا كۆز قارىشىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن.

2020082722230074545.jpg

بۇنىڭدىن 48 سائەت بۇرۇن، مېسسى ئۆزىنىڭ ئادۋۇكاتى ئارقىلىق بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ قانۇن ئىشلىرى بۆلۈمىگە بىر پارچە فاكس ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان، نۆۋەتتە مېسسى ئۆزىنىڭ 20 يىل توپ تەپكەن كوماندىسىدىن نېمىشقا ئايرىلماقچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغان.

نۆۋەتتە بۇ ئىش توغرىسىدىكى ھەرخىل ئوخشىمىغان شەكىلدىكى خەۋەرلەر ئالاقە تورى ۋە تاراتقۇلاردا تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەزمۇنى خاتا خەۋەرلەرمۇ بار ئىكەن، مېسسى ئۆزى ھەققىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، خاتا ئۇچۇرلارغا رەددىيە بېرىشنى ئويلىغان.

يۇقارقىلاردىن باشقا مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئەڭ بۇرۇن يوللىغان ئارگېنتىنالىق مۇخبىر ۋېرونىكا برۇناتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسسى كەلگۈسىدىكى نەچچە سائەت ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ بايانات ئېلان قىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مۇخبىر يەنە مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىش قارارىنىڭ بارتومېئۇ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئۇ كۇلۇبنىڭ كەلگۈسى پىلانى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى رىقابەت ئارزۇسىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

باشقا تاراتقۇلارمۇ مۇخبىرنىڭ يۇقارقى خەۋىرى بىلەن بىردەك خەۋەرلەرنى يوللىغان، ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مېسسى راستىنلا كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلسا، ئۇنداقتا بارسېلونا رەئىسى بارتومېئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدىكەن، بارتومېئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بارسېلونا كۇلۇبىدا خىزمەت قىلغان ۋاقتىدىكى كۇلۇبنىڭ زىيىنىغا مەسئۇل بولىدىكەن.

يۇقارقىلاردىن باشقا مېسسىنىڭ كېيىنكى كوماندىسىنىڭ گۇاردىئولا يېتەكچىلىكىدىكى مانچېستېر شەھىرى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا.


分享到: