新闻详情

مېسسى كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە سۈكۈتنى بۇزۇپ ئايرىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ

 二维码 7
发表时间:2020-08-28 13:11作者:ئەكبەر

كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسسى كوماندىدىن ئايرىلىش ماددىسىنى قوزغىتىپ بارسېلونادىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئويىنى كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىغىمۇ ئۇقتۇرغان. مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاشكارە سۆز قىلمىدى، ئەمما Goal تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ سۈكۈتنى بۇزۇشنى، كوماندىدىن ئايرىلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشنى قارار قىلغان، لېكىن بايانات ئېلان قىلىدىغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس.

ئىگىلىنىشىچە، مېسسى كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەستانىلەرگە ئۆزىنىڭ ئويىنى ئۇقتۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم نېمە سەۋەبتىن 20 يىل توپ تەپكەن بارسېلونادىن (ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدىكى ۋاقتىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىشى بولۇپ قالىدۇ.

مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇچۇرلار ئۈزۈلمىدى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى راست، قايسىسى يالغان، بۇنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېسسى بارسېلونانىڭ ۋالۋېردنى ئىشتىن بوشاتقانلىقىدىن، نېيمارنى سېتىۋەتكەنلىكىدىن ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن قايتۇرۇپ كەلمىگەنلىكىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان.

ھازىرقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مېسسى مانچېستېر شەھىرى بىلەن شەخسىي ماددىلار جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ بولغان، پارىژ سانت گېرمانمۇ ئۇنى يۇقىرى مائاش بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن، شۇنداقلا مانچېستېر شەھىرىدىنمۇ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى چىقىرالايدىكەن، مەيلى مېسسى مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلسۇن ياكى پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلسۇن، ئوخشاشلا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھۇجۇم سېپى بارلىققا كېلىدۇ، مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلسا مېسسى، ئاگۈيرو، دېبرۇينې ۋە ستېرلىڭ قاتارلىقلار، پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلسا مېسسى، نېيمار، مباپپې ۋە دىمارىيا قاتارلىقلار يېڭى ھۇجۇم سېپىنى ھاسىل قىلىدۇ.

بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن مېسسى بارسېلونادا 20 يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى، ئۇ 2003-يىلى 11-ئايدا بىرىنچى سەپكە ۋاكالىتەن مەيدانغا چۈشكەن ھەمدە كوماندا ئۈچۈن 731 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 634 توپ كىرگۈزدى ۋە 285 ياردەمچى پاس چىقاردى. ئۇنىڭدىن باشقا، مېسسى بارسېلونا بىلەن بىرگە 10 قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، ئالتە قېتىملىق شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، تۆت قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، ئۈچ قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، ئۆزىمۇ ئالتە قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تارىخ ياراتتى.


分享到: