新闻详情

بارتومېئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش بەدىلىگە مېسسىنى كوماندىدا تۇتۇپ قالماقچى

 二维码 10
发表时间:2020-08-28 13:13作者:ئەكبەر

«نۆل نۇقتا رادىئو ئىستانىسسى»، «كاتالونىيە Tv3 قانىلى»، «كوبې رادىئو ئىستانىسسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بارتومېئۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش بەدىلىگە مېسسىنىڭ كوماندىدا قالدۇرۇشنى خالايدىكەن.

خەۋەردە دىيىلىشىچە، ئەگەر مېسسى كوماندىدا قالىدىغانلىقىنى ئاشكارە ئېلان قىلسا، بارتومېئۇ شۇ ھامان رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىكەن، بېين تەنتەربىيىسى تاراتقۇسىنىڭ بارسېلونادىكى نوپۇزلۇق ئەگەشمە مۇخبىرى ئاچراف بېنئايادنىڭ بىلدۈرىشىچە، بارتومېئۇنىڭ ھازىرقى بارلىق بېسىمىلىرىنىڭ ھەممىسى مېسسى تەرەپتىن كەلگەن ئىكەن.

2020082721223361539.jpg

مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنى ئېلان قىلغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىنلا ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى ئەگەر بارتومېئۇنىڭ شۇ كۈنىلا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرسە، ئۇنداقتا مېسسىنىڭ كوماندىدا قېلىشنى ئويلىشىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، مېسسىنىڭ بارتومېئۇغا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇنىڭدىن نارازى بولۇشى مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئىكەن، ئەمما «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» بارتومېئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ھەم ئۆزىنىڭمۇ ئىستىپانامە سۇنمىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

تاراتقۇلارنىڭ بەس-بەستە بارسېلونا كۇلۇبىغا پايدىسىز خەۋەرلەرنى تارقىتىشى، مەستانىلەرنىڭ كۇلۇب ئالدىغا ۋە نوكەمپو توپ مەيدانى سىرتىدا توپلىشىپ، مېسسىنىڭ كوماندىدا قېلىشى ۋە بارتومېئۇنىڭ كۇلۇبتىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ توختىماي يۈز بېرىشى، مېسسىنىڭمۇ سۈكۈتتە تۇرۇشى بەلكىم بارتومېئۇنى بۇ قاتمال ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنىڭ ئەپلىك چارىسىنىڭ ئۆزىنىڭ كېتىشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرغان بولسا كېرەك.

يەنە بەزى مۇخبىرلارنىڭ ئاشكارىلىغان ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بارتومېئۇ ۋەزىسىپىدىن ئىستىپا بېرىشتىن بۇرۇن، مېسسى كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارە ئېلان قىلسا، ئۇنداقتا بارتومېئۇ دەرھال خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدىكەن، ئەگەر بارتومېئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرسە، ئۇنىڭ كۇلۇبتا خىزمەت قىلغان ۋاقتىدىكى كۇلۇبنىڭ زىيىنىغا مەسئۇل بولۇشىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنداقتا بارتومېئۇ ۋە ئۇنىڭ كۆپلىگەن مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدىكەن.


分享到: