新闻详情

مېسسىنىڭ مانچېستېر شەھىرى بىلەن بىردەكلىككە كەلگىنى يالغان

 二维码 10
发表时间:2020-08-28 13:14作者:ئەلكۈيى

ئالدىنقى خەۋەرلەردە مېسسىنى ئاللىقاچان مانچېستېر شەھىرى بىلەن بىردەكلىككە كەلدى، دېيىلگەن بولۇپ، لېكىن بۇ ئۇچۇر تارقىلىق بىرنەچچە سائەت ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈلگەن، بۇنى يوللىغان مۇخبېر ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدىكى بۇ مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرگەن.

ئىگىلىنىشچە بۇ مۇخبېر مېسسىغا ئالاقىدار بولغان «مېسسى مانچېستېر شەھىرى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېگەن مەزمۇننىلا ئۆچۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا «مېسسى كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ قارارىنى ئېلان قىلىدۇ»، «مەيلى بارتومېئو ئىستېپا بەرسۇن ياكى بەرمىسۇن، مېسسى يەنىلا كوماندىدىن ئايرىلىدۇ» دېگەن مەزمۇنلار يەنىلا ساقلىنىپ قالغان.


分享到: