新闻详情

ئۈچ كوماندا مېسسىنى تالشىش رىقابىتىدىن چىكىندى

 二维码 14
发表时间:2020-08-28 13:15作者:ئادىل

يېقىندا مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش خەۋىرى ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ باش بېتىنى ئىگىلەپ كەلدى، كۆپچىلىك بارسېلونانىڭ بۇ گىگانت چولپىنىنىڭ قايسى كوماندىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا، مانچېستېر شەھىرى، خەلقئارا مىلان، يۇۋېنتۇس ياكى بايرېن ميۇنخېن ...... لېكىن ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ زەردار كوماندا مېسسىنى تالىشىش جېڭىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان.

ئالدى بىلەن ئىپادە بىلدۈرگىنى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ زومىگىرى بايرېن ميۇنخېن بولۇپ، كوماندا رەئىسى زىيارەت جەريانىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ: بايرېن مېسسىغا ئوخشاش يۇقىرى باھادىكى توپچىنى قوشۇۋالمايدۇ، مېسسىنى قوشۇۋېلىش بايرېننىڭ توپچى قوشۋېلىش ۋە كوماندا قۇرۇش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ ئاشكارا ئىپادە بىلدۈردى. بۇ ھەقىقەتەن راست گەپ، بايرېن تارىخىدا ئەزەلدىن يۈز مىليون ياۋرودىن يۇقىرى باھادا توپچى قوشۇۋالغان ئەمەس، شۇنداقلا كوماندىدا ئەزەلدىن بۇنداق يۇقىرى مائاشلىق توپچى بولۇپ باقمىغان. يەنە بىر نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، بايرېن ميۇنخېننىڭ مېسسىنى قوشۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بايرېن بۇ يىل ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، دېمەك بايرېن مېسسىنى قوشۇۋالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا.

ئىككىنچى بولۇپ مېسسىنى تالىشىش جېڭىدىن چېكىنگەن كوماندا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار يۇۋېنتۇس بولۇپ، رونالدوغا ئوخشاش يۇقىرى مائاشلىق توپچىلار بولغان ئەھۋالدا، يۇۋېنتۇس يۇقىرى مائاشلىق يەنە بىر توپچىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كوماندىنىڭ كېيىنكى ئاساسلىق پىلانى بولسا ئوتتۇرا مەيداننى كۈچلەندۈرۈش، شۇڭا يۇۋېنتۇسنىڭ مېسسىغا «قارايدىغان» ۋاقتى يوق.

بۇ ئىككى كوماندىدىن سىرت يېقىندا چېكىنىپ چىققان يەنە بىر كوماندا بولسا مانچېستېر بىرلەشمىسى، مېسسىنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىشى ئەسلىدىنلا مۇمكىن ئەمەس، بۇ نۇقتىنى پۈتۈن كوماندا يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە، ھەتتا پۈتكۈل پۇتبول مەستانىلىرى چۈشۈنىدۇ. مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ دەسلەپتە مېسسىنى تالىشىش رىقابىتىگە قاتنىشىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا، مېسسىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا ئەشەددىي رەقىبى بولغان مانچېستېر شەھىرىگە بىسىم ئېلىپ كېلىش خالاس.


分享到: