新闻详情

ئۈرۈمچى ئېچىۋېتىلگەندىن كىيىن،قايسى كەسىپلەر باشتا ئەسلىگە كىلىدۇ؟

 二维码 94
发表时间:2020-08-28 19:03作者:ئەلكۈيى تورى

ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى ، تېڭشۈن تورى خەۋىرى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئۈرۈمچىدە ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل مىساللىرى ئۇدا 0 قېتىم ئەھۋالى داۋاملىق ئاشماقتا، دېمەك ئۈرۈمچىدە سىرتقا چىقىش ۋاقتىمۇ بارغانسىرى ئاز قېلىۋاتىدۇ .

ئۇنداقتا شىنجاڭدا يۇقۇمغا قارىتا تىزگېنلەش ئەھۋالى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن قايسى كەسىپلەر ئالدىن ئەسلىگە كېلىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر تەرتىپ بار.

1. قاتناش-تىرانسپورت

ھازىر ئۈرۈمچى تاقىلىپ قالغىلى بىر ئاي بولدى، ئەگەر كەلگۈسىدە تېزگىنلەش بىكار قىلىنسا، كۆپچىلىك چوقۇم نورمال خىزمەت قىلىدۇ، ئوقۇيدۇ، كارخانىلارمۇ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئۇنداقتا مەيلى خادىملار سىرتقا چىققاندا بولسۇن ياكى ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىدا بولسۇن، ھەممىسى ئاستا ـ ئاستا نورمال ھالەتكە كېلىدۇ، شۇڭا بىرىنچى بولۇپ قاتناش ـ تىرانسپورتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا قاتناش تىرانسپورت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى كەسىپلەر، مەسىلەن، ماي قاچىلاش پونكىتى، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قاتارلىقلارمۇ مۇناسىپ ھالدا ئالدىن جانلىنىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن كۆپچىلىك ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىقماقچى بولسا چوقۇم ماي قاچىلايدۇ.

2. بانكا كەسپى

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مەملىكەت بويىچە يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىپادىدىن قارىغاندا، ئالدى بىلەن ئەسلىگە كەلگەن ساھەلەر ئىچىدە بانكا شۇلارنىڭ بىرى ئىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىر ئىشىكتىن چىقساقلا پۇل ئىشلىتەلەيمىز، پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىلا كۆپچىلىك بانكىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا يۇقۇم ئەھۋالى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بىلەن بانكىغا بېرىپ تۈرلۈك كەسپلەرنى بېجىرىشى مۇمكىن، شۇڭا بانكا كەسپىمۇ ئالدىن ئەسلىگە كەلگەن كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

3. پارچە سېتىش ئىستېمالى

شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئاھالە ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدى، مېنىڭچە كۆپچىلىكنىڭ نەرسە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك، ئەگەر كەلگۈسىدە قامال بىكار قىلىنسا، ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن كىشى ھەر خىل نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ، شۇڭا پارچە سېتىش ئىستېمال كەسپىمۇ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ.

4. ئوقۇش قوراللىرى


ھازىر ئوقۇش باشلاشقا ئاز قالدى، ئەگەر كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ تىزگىنلەش ئەھۋالى بىكار قىلىنسا، ھەر قايسى مەكتەپلەر نورمال ئوقۇش ھالىتىگە قايتىدۇ، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىكنىڭ ئوقۇش قوراللىرىغا بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.

بىراق ئۆتكەن بىر مەزگىلدە يۇقۇم ئەھۋالى بېكىنمە ھالەتتە بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقتىدا مۇناسىپ ئوقۇش قوراللىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋالالمىغان، شۇڭا تېزگىنلەش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئالدى بىلەن سومكا، خاتىرە دەپتەر، قەلەم قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن.

5. چاچ ياساپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش.

يۇقۇمنى تېزگىنلەشتە بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، نۇرغۇن ئادەمنىڭ چېچى ئۆسۈپ كەتتى، شۇڭا پېچەتنى يەشكەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئادەم بىرىنچى بولۇپ چاچ ياسىتىشى مۇمكىن، بۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن ياخشى باشلىنىش بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن چاچ پاسونى چىرايلىقراق بولىدۇ.

يەنە گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىزلارغا نىسبەتەن، بىر ئاي سىرتقا چىقمىسا يۈزىدىكى دانىخورەكنى مۆلچەردىنمۇ جىقلاشقا باشلايدۇ، يەنە باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، شۇڭا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىزلارغا نىسبەتەن، خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بىلەن پەرۋىش قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ھۆسن تۈزەش كەسپىمۇ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن.

6. يېمەك-ئىچمەك كەسپى.

يۇقۇم ئەھۋالى قامال قىلىنغان مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئاھالە سىرتقا چىقىپ تاماق يېيەلمەيدىغان بولدى، ئەمما سىرتتىكى تاماقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئىچى تىتىلداپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، پېچەت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى كەينى-كەينىدىن ئاشپۇزۇللارغا ئاتلىنىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئىستېمال كەسپىگە ئالاقىدار ئىستېمال قىزغىنلىقى چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ئىستېمال بېلەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، تېخىمۇ كۆپ كىشى سىرتقا چىقىپ تاماق يېيىشى مۇمكىن.

7. ساياھەت كەسپى.

بىر مەزگىل ئىچىدە ئادەملەرنىڭ ئىچى سىقىلىپ كەتتى، مۆلچەرىمچە نۇرغۇن ئادەم ئۆيىدە زېرىكىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا يۇقۇم ئەھۋالى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئومۇمىي يۇقۇم ئەھۋالى مۇھىتى بىر قەدەر بىخەتەر بولغان ئەھۋالدا، نۇرغۇن ئادەم ساياھەتكە چىقىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ساياھەت كەسپىمۇ ئۇزاق كەلگۈسىگە قالماي ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن.

سىز يەنە قايسى كەسىپلەرنىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشىنى خالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسلىرىنى قالدۇرۇپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ؟


分享到: