新闻详情

رونالدو:مەن يەنە بىر قېتىم ئىتالىيەنى،ياۋرۇپانى،دۇنيانى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلىنىمەن

 二维码 17
发表时间:2020-08-28 23:50作者:ئەلكۈيى تورى

C罗展望新赛季:要努力征服意大利、欧洲和全世界

يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدو، يېقىندا ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدىكى مەزمۇننى يېڭىلىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە بولغان ئىستىكىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىتالىيەنى، ياۋروپانى ۋە پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتى ۋە يۈكسەك ئىرادىسى بۇرۇنقىدەكلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ھەم شۇنداقلا ئالاقە تورىغا مۇنداق دەپ يازغان:

<مەن (ياۋا تاغىل ئات قوشۇنى)دىكى ئۈچىنچى مۇسابىقە پەسلىنى باشلاشقا تەييارلىنىپ بولدۇم، مېنىڭ روھىي ھالىتىم ۋە يۈكسەك ئىرادەم بۇرۇنقىدەكلا. توپ كىرگۈزۈش، غەلىبە قىلىش، ۋەدە بېرىش، تۆھپە قوشۇش روھى، كەسپىي روھ ھەممىسى يېتەرلىك. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن، سەپداشلىرىم ۋە يۇۋېنتۇستىكى بارلىق خادىملارنىڭ ياردىمىدە، يۇۋېنتۇس بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قېتىم ئىتالىيەنى بويسۇندۇرۇشنى، ياۋروپا ۋە دۇنيانى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلىنىمەن>.

<رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى ۋە شەخسىي شان- شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن، بىز باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىپ، بارلىق خىرىسقا بىمالال تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.<

بىز ھەر بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىكنى ئالدىنقى قېتىمقىدىن تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز، شۇنداقلا مەستانىلەر ئۈچۈن ھەممىنى يېڭىشىمىز كېرەك. تىرىشىپ يۇۋىنتۇستىن ئىبارەت بۇ قوشۇننىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم ئۆزگىچە قايناق ھېسسىياتقا ئىگە ئوغلانلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆز ئىسمىمىزنى كۇلۇبنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدىكى رەڭدارلىققا ئايلاندۇرۇپ، قىممىتىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز ھەم شۇنداقلا ئەمەلىي كۈچىمىزنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك.

بىز دېگەن يۇۋېنتۇس!

بىز دېگەن چېمپىيون!

بىز بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۈچلىنىمىز!

بىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا تېخىمۇ مۇھتاج!

تاكى ئاخىرغىچە!


分享到: