新闻详情

بارتومېئۇنىڭ مېسسىغا يازغان قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنى ئاشكارىلاندى: سەن ۋە مەن كۇلۇبتىن ئۈستۈن ئەمەس

 二维码 5545
发表时间:2020-08-29 00:22作者:ئەلكۈيى تورى

2020082823084374954.jpg

تېڭشۈن تورى مۇخبىرى جاڭ چيەننىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا مالىيە بۆلۈمى ئاللىقاچان مېسسى كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادى زىياننى ھېسابلاشقا كىرىشكەن، ئارگېنتىنالىق بۇ ھۇجۇمچىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنىڭ تەتۈر ئۆزگىرىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن، ئۇنىڭدىن باشقا تېڭشۈن تەرەپ يەنە خەۋەر تەمىنلىگۈچى تەرەپتىن بارتومېئۇنىڭ مېسسىغا يوللىغان قىسقا ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنىغىمۇ ئېرىشكەن.

تېڭشۈن تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە بارسېلونا مالىيە بۆلۈمى مېسسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادى زىياننى ھېسابلاشقا كىرىشىپ بولغان، بارلىق ئىشلار ئۆز يولىدا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىشلارنىڭ تەتۈر ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكى بەكمۇ تۆۋەن ئىكەن.

2020082722230041468.jpg


مېسسى تەرەپنىڭ بارتومېئۇنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش بەدىلىگە مېسسىنىڭ كوماندىدا قېلىشىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان خەۋەرنى قانداق بىلگەنلىكىگە قارىتا، تېڭشۈن تەرەپ ئۆزلىرىنى خەۋەر بىلەن تەمىنلىگەن تەرەپتىن بارتومېئۇنىڭ مېسسىغا يوللىغان ئىككى قېتىملىق قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنىغا ئىگە بولغان، ئەمما مېسسى تەرەپ بۇ ئىككى قىسقا ئۇچۇرغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

تۆۋەندىكىسى تېڭشۈن تورى ئىگىلىگەن بارتومېئۇنىڭ مېسسىغا يوللىغان ئىككى قېتىملىق قىسقا ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى:

«كۇلۇب يالغۇز مېنىڭ ئەمەس، بەلكى بارلىق ئەزالارنىڭ، مەن بىلەن سىز ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى كۇلۇبنىڭ ئۈستىگە قويساق بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئىشنى (سۇئارېزنى كوماندىدىن ھەيدىگەن ئىش) مېنىڭ سەۋەنلىكىمدىن دەپ قارىغان بولسىڭىز، مەن كۇلۇبتىن كەتسەم بولىدۇ.»

2020082723571513873.jpg

«ئەگەر مېنىڭ كۇلۇبتىن ئايرىلىشىمنى سىز كۇلۇب ئۈچۈن ياخشى دەپ قارىغان بولسىڭىز مەن كۇلۇبتىن ئايرىلسام بولىدۇ، بىز مەيلى نېمە ئىش قىلايلى، چىقىش نۇقتىسى كۇلۇب ئۈچۈن ياخشى بولۇشى كېرەك.»

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تېڭشۈن تەرەپمۇ مېسسىنىڭ يۆتكىلىش ئۇچۇرلىرىغا قارىتا خەۋەر يوللىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بارسېلونا مېسسىنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغان، يۆتكىلىش ھەققى بولسا ئۇلار ئويلىغان سوممىسى 200-300 مىليون ياۋرو ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە توپچىلار بىلەن ئالماشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

2020082721223361539.jpg

يەنە بەزى مۇخبىرلارنىڭ ئاشكارىلىغان ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ناۋادا مېسسى كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارە ئېلان قىلسا، ئۇنداقتا بارتومېئۇ دەرھال خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدىكەن، ئەگەر بارتومېئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرسە، ئۇنىڭ كۇلۇبتا خىزمەت قىلغان ۋاقتىدىكى كۇلۇبنىڭ زىيىنىغا مەسئۇل بولۇشىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنداقتا بارتومېئۇ ۋە ئۇنىڭ كۆپلىگەن مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدىكەن.


分享到: