• دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈشنى كۈتۈۋالدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2016-12-16 02:09
  • دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈشنى كۈتۈۋالدى

    دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 14-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمى ئىمزالىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يېقىندا خەلقئارا بازاردىكى ماي باھاسىنىڭ بىر قەدەر چوڭ نىسبەتتە ئۆسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەييار ماي باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى بويىچە، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر توننا بېنزىننىڭ باھاسى 435 يۈەن، ھەر توننا دىزېلنىڭ باھاسى 420 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

      مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە نىسبەت بىلەن قارىغاندا، 90-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.32 يۈەن، 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.34 يۈەن، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.36 يۈەن، 0-نومۇرلۇق دېزىلنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.36 يۈەن ئۆستۈرۈلدى.

      نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى(OPEC)غا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن (OPEC)غا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىرلىشىپ 10-دېكابىر سەھەردە ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىمزالانغان ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمى بولۇپ، خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.

      شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى بۇ يىل ئىچىدە 9-قېتىم ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى ۋە 2012-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈش بولدى. ماي باھاسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئۆسۈش نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى نىسبەتتە ئۆسۈشى بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى 2012-يىلى 9-ئايدا يۈز بەرگەنىدى، شۇ چاغدا ھەر توننا بېنزىننىڭ باھاسى 550 يۈەن، ھەر توننا دېزىلنىڭ باھاسى 540 يۈەن بولغان.

      بۇ قېتىم ماي باھاسى زور نىسبەتتە ئۆسكەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى ئومۇميۈزلۈك «ئالتە يۈەن» دەۋرىگە قايتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ماي ئىشلىتىش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئۆستى. ئادەتتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ ماي باكىنى 50 لېتىر دەپ ھېسابلىغاندا، باكنى بېنزىن بىلەن تولدۇرۇپ قاچىلاش ئۈچۈن 17 يۈەن ئارتۇق چىقىم قىلىدىغان بولدى.

    مەنبەسى :خەلق تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەنلىك لاتارىيەچى26مىڭ يۈەن لاتارىيەگە ئېرىشىپ كاتتا خوشاللىققا ئىگە بولدى

    1970-01-01 08:00

  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    1970-01-01 08:00