• مەرىپەتتىن كارخانىچىلارغا يېڭى يىللىق خوشخەۋەر، يىڭى يىللىق سىگنال مەرىپەتتە چېلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2016-12-17 06:47
  • مەرىپەتتىن كارخانىچىلارغا يېڭى يىللىق خوشخەۋەر، يىڭى يىللىق سىگنال مەرىپەتتە چېلىنىدۇ

    مەرىپەتتىن كارخانىچىلارغا يېڭى يىللىق خوشخەۋەر

    يېڭى يىلدا ئىشلىرىڭىزنى يېڭىچە قىياپەتتە باشلاڭ!

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىپ، كارخانىچىلىق ساھەسىدە تىنماي ئىزدىنىپ رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۆزلۈكسىز تۆھپە قوشۋاتقان ھارماس كارخانىچىلار سىلەرگە  شىنجاڭ مەرىپەت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىدىن ئوتلۇق سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام!

     

    شىنجاڭ مەرىپەت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچلىك چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، رايونىمىزدىكى كارخانىچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كارخانىنى ئۆلچەملىك قۇرۇش، كارخانىنى ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە زامانىۋى كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ئارقىلىق كارخانىچىلىقىمىزنى خەلقئارا سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس تەشكىللەنگەن كەسپى سالاھىيەتكە ۋە ئۇنۋانىغا ئىگە مۇتەخەسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەڭ كارخانىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىش، مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق كارخانا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

     


    بىز رايونىمىزدىكى كارخانىچىلارنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاش، 2017-يىلى مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ، يېڭى تەرەققىيات پىلانلىرىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 19-20-كۈنلىرى « نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئارزۇسى » تېمىسىدىكى يىللىق يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردۇق. قەدەم تەشرىپ قىلغايسىزلەر!

    بۇ قېتىمقى ئومۇمىي پائالىيەت تۆۋەندىكى ئۈچ بۆلەكتىن تەشكىللەنگەن:

    (1) مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە

    (2) ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قاتنىشىدىغان 200 نەپەر كارخانىچىنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسىدىكى يېڭى يىل كېچىلىكى

    (3) نەق مەيدان كارخانا زىيارىتى ۋە نەق مەيدان كارخانا دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

    بۇ قېتىملىق ئىلمىي پائالىيەتتە خەلقئارا، دۆلىتىمىز جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك توختىلىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشتىن باشقا، تۆۋەندىكى مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ:

     

    1.«يېڭى ئىقتىسادى ھالەت ۋە ئىقتىساد تۆۋەنلىگەن ئەھۋال ئاستىدا مىللىي كارخانىلىرىمىز قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلىيالايدۇ ھەم قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇسكۇللىرىنى چىڭىتالايدۇ؟

    2.«بىر بەلباغ بىر يول ئىستىراتىگىيىسى» نىڭ پىلانى رەسمىي ئېلان قىلىندى. دۆلىتىمىز بۇخىل ئىستىراتىگىيىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، كارخانىلىرىمىز بۇ خىل تەرەققىيات قەدىمىگە قانداق ماسلىشىدۇ، شۇنداقلا يىپەك يولى يادرولۇق رايونىدا تۇرىۋاتقان كارخانىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىي كارخانىچىلار ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى قانداق تۈزىدۇ، مەۋقەنى نەگە قويىدۇ، قانداق ئەۋزەللىكلىرى بار؟

     

    3.مىللىي كارخانىلار ئاساسەن ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار بولۇپ، بۇنداق كارخانىلار ئۆزىنىڭ بازار رىقابىتىنى قانداق يېتىلدۈرىدۇ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ھالەتكە ماسلىشىشتا قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار؟

     

    كارخانىچىلار سەمىگە

    بۇ قېتىملىق لېكسىيە ۋە پائالىيەت ئارقىلىق كارخانىچىلار تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋالالايدۇ ۋە بەلگىلىك تەدبىرلەردىن ئالدىن خەۋەردار بولۇپ، كارخانىلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ جەھەتتىكى مەسىلىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

    1.كارخانىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىجىل ۋە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن «ئىقتىساد پەنلىرى ئاساس، ئۇنۋېرسال ساپا يېتىلدۈرۈش نىشان قىلغان تەربىيەلەش  ئوربىتىسى»غا ئاساسەن نەزەرىيىۋى ،ئەمەلىي بىلىم ۋە تەدبىردىن خەۋەردار بولالايسىز.

    2.يېڭى ئىقتىسادى ھالەت،  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشى كارخانىچىلىرىمىزدا نۇرغۇن ئېنىقسىز نۇقتىلارنى پەيدا قىلىپ،  كارخانىچىلىرىمىزدا گاڭگىراش، ئەنسىرەش ۋە جىددىيلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق بولۇشىدا ئىقتىسادى مۇھىت ئامىلىمۇ ياكى تەدبىرىڭىز جەھەتتىكى مەسىلىلەرمۇ بولىشى مۇمكىن؟ مەيلى قايسى ئامىل بولسۇن، سىز بۇ جەھەتتە تېگىشلىك ئىلمىي جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز.

    3.«بىر بەلباغ بىر يول ئىستىراتىگىيسى» بىزگە خىرىسمۇ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە پۇرسەت بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ، بىز خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرىمىز، پۇرسەتنى قانداق تۇتىمىز،يىپەك يولى سودىسىدا ئۆزىمىزدە قانداق ئەۋزەللىكلىرى بار؟ بۇ مەسىلىلەرمۇ بۇ قېتىمىلىق پائالىيەتتە ئايدىڭلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

    مەرىپەتلىكلەرنىڭ شوئارى شۇكى:

    يانچۇقىڭىزنىڭ قۇرۇق بولۇشىدىن ئەنسىرمەي،

    كاللىڭىزنىڭ قۇرۇق بولۇشىدىن ئەنسىرەڭ!

     

    پائالىيەت ۋاقتى:2016-يىلى 12-ئاينىڭ 19-20-كۈنلىرى(دۈشەنبە،سەيشەنبە)

    پائالىيەت ئورنى:ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازادلىق يولى 222-نۇمۇر جاۋخېڭ سودا سارىيى 5-قەۋەت مەرىپەت ئۇنۋېرسال يىغىن زالى(يەنى ئوۋلوبا بالىلار شەھەرچىسىنىڭ ئۈستىدە)

    بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەقلىق، بېلەت باھاسى 298يۈەن

     

    مەرىپەت يولى ــــ تەرەققىيات ئۇلى !

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇشى مۇقىملاشتى

    1970-01-01 08:00

  • لىۋېرپولنىڭ بەش چوڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاجىزلىقى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو ھەل قىلغۇچتا تۈرلۈك رېكورتلارنى بۇزۇشنى نىشانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: خانلىق مادرىد تەجرىبىلىك، بىز ھەل قىلغۇچتا ئۆتمۈشنى ئويلىمايمىز

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: سالاھ ئىنتايىن قالتىس مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردى

    1970-01-01 08:00

  • چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۈچ كلاسسىك مۇسابىقىسى

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كوماندىغا ئايلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد زاپاس ئەزالىرىنىڭ قىممىتى لىۋېرپول زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد ئۈچ يىل مابەينىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 300 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان

    1970-01-01 08:00