• ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺠﻪﺯ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2016-12-20 09:39
  • ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺠﻪﺯ

    ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯩﺠﻪﺯ-ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﻪﺭ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ, ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ-ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺠﻪﺯ-ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ.

    1. ﭼﻮﯓ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ. ﭼﻮﯓ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﺩﯗﺭ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﭼﻮﯓ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    2. ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ.

    3. ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﯞﻩﺩﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ, ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ «ﺩﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    4. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻚ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ «ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ». ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻳﻮﻗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ, ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ, ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    5. ﺋﯜﺟﻤﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺋﯜﺟﻤﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ, ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.

    6. ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﻮﺳﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﭗ, ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﺎﺭﭼﺎﻳﺪﯗ, ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﺴﺎ, ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ, ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى مەدەنىيەت سارىيى يولى ۋاقتىنچە تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 6 ئۈزۈك يولدا قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00