• قانتناش قانۇنىغا خىلاپ جەرىمانىنى شىنجاڭدا بۈگۈندىن باشلاپ تۆلىيەلمەيسىز

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2016-12-28 09:21
  • قانتناش قانۇنىغا خىلاپ جەرىمانىنى شىنجاڭدا بۈگۈندىن باشلاپ تۆلىيەلمەيسىز

    ئەلكۈيى تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ  مالىيە ، باج ھېسابات نومۇرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى  توڭلىتىش ، ھېسابات ئېنىقلاش  خىزمىتى سەۋەبلىك 2016-يىلى 12-ئاينىڭ28-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ھەر خىل قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق جەرىمانە پۇللارنى  ھەر قايسى بانكا  ۋە ئېنتېرنىت تورى ئارقىلىق بىردەك تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ .

    تۆنۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ  شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئېگەللىشىچە،  قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان نومۇرلارنى  بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئاپتوموبىل ئىگىسى  ھەر قايسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى  بىر تەرەپ قىلىش زالىغا بېرىپ نومۇر تارتىش كەسپىنى بىجىرەلەيدىكەن  ، بىراق جەرىمانە پۇلىنى  2017 - يىلىنىڭ تۇنجى خىزمەت كۈنىدە  ، ( يەنى 1- ئاينىڭ 4 - كۈنى ) دىن باشلاپ ئاندىن  تاپشۇرۇشقا بولىدىكەن.

    سەمىمىي ئەسكەرتىش: ناۋادا سىزنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ ، تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك جەرىمانە پۇلىڭىز بولسا ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ھەرقايسى بانكا ۋە پۇل تاپشۇرۇش ئورنىغا بېرىپ جەرىمانە تۆلىسىڭىز بولىدۇ ، ئەمما نومۇر تارتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ھەرقايسى قاتناش ئەترەتلىرىدە نورمال بىجىرەلەيسىز.


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك